خىتاي ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلدى


13-ماي خىتاي تاموژنا بېجى نىزام كومىتېتى ئىشخانىسى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشىگە قارشى يېڭى قارار ئېلان قىلدى.
قاراردا ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم ئىمپورت ماللاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش بېكىتىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 9-ماي ئېلان قىلغان خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى %10تىن %25كە ئۆستۈرۈش قارارىغا قارشى بۇ قارارنىڭ چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر قاراردا يەنە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قارارىنىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي سۈركىلىشنى كۈچەيتىپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا ئىختىلاپىنى كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ئورتاق تونۇشىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ 60 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللىرىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %25، %20 ياكى %10 ئۆستۈرۈش قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1467 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2019 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق