خىتاي ئادەم بېدىكلىرى پاكىستان خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

 

9- ماي ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنىقى نەچچە يىلدىن بۇيان پاكىستاندىن خىتايغا ئالداپ كېلىن قىلىپ ئەكېتىلگەن خىرىستىيان قىزلارنىڭ سانى زور مىقداردا كۆپەيگەن.

16 ياشلىق مۇقەددەس ئەشرەف ئەنە شۇ قىزلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي بېدىكىلىرى ئۇنى 34 ياشلىق بىر خىتايغا خوتۇنلۇققا سېتىۋەتكەن. ئارىدىن بەش ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ھامىلىدار ھالدا ئۆيىگە ئاران قايتىپ كېلەلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن خورلانغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

پاكىستاندىكى خىتاي ۋە يەرلىك ئادەم بېدىكلىرى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، يوقسۇل ئائىلىلەرنىڭ قىزلىرىغا كۆزىنى تىككەن بولۇپ، خىتايلار ھەتتا كېلىن  «ئوۋلاش» ئۈچۈن چېركاۋلارنى ئارىلىغۇدەك دەرىجىگە بارغان.

بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاي ئادەم بېدىكلىرىنىڭ پاكىستانلىق قىزلارنى تۈركۈملەپ خىتايغا ئالداپ ئاپېرىپ، پاھىشخانىلارغا سېتىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشچە، خىتاي بېدىكلىرىنىڭ پاكىستان قىزلىرىنى ئالداپ سېتىشىيالغاندىن توي قىلىشى پاكىستاندا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. خىتاي بېدىكلىرىنىڭ رەزىللىگكىگە غەزەپلەنگەن پاكىستان ساقچىلىرى  ھەر كۈنى دېگۈدەك خىتايلارنى تۇتۇشقا باشلىغان.

خەۋەرنىڭ مەنبەسى

https://youtu.be/pa1D1fWfGmY  

بۇ خەۋەر 1068 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2019 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق