ئۇيغۇر مەكتىپى خىتاي مەكتىپىگە قوشۇۋېتىلدى

 

14-ئاپرېل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىن ۋە سۈرەتلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپنى «شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قەشقەر شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى» دەپ ئۆزگەرتكەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سەۋەبسىز قاماپ، ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە، ئىسلام دىنى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ھەتتا ئۆز

مەيدانىدا چىڭ تۇرغان خەلقنى قىيناپ، قىرغىن قىلىپ كەلدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇرچە دەرسلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايچە دەرس ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 14-ئاپرېل يەنە قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپنى «شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قەشقەر شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى» دەپ ئۆزگەرتىپ، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى خىتاي مەكتەپلىرىگە قوشۇۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 1357 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2019 19:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق