يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى باندۇڭ شەھىرىدە


17-فېۋرال يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ھىندېنوزىيە ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھىندېنوزىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.
دوكتور ئابدۇسالام 20-فېۋرال ھىندېنوزىيەنىڭ باندۇڭ شەھىرىدىكى Agung Trans studio مەسجىدىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. 
لېكسىيەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملىرى، يېقىندىن بېرى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى قانۇن چىقارغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، مۇسۇلمانلارنى ئىسلامىي كىملىكىدىن يېنىشقا مەجبۇرلىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 25047 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2019 20:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق