شەمشىنۇر خانىم: ئاتا-ئانام تۈركىيەگە كېلىپ مىنى يوقلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن 20 يىل كېسىلدى

شەمشىنۇر خانىم: ئاتا-ئانام تۈركىيەگە كېلىپ مىنى يوقلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن 20 يىل كېسىلدى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلارىن مەلۇم بولۇشىچە، شەمشىنۇر خانىم ئاتا-ئانىسىنىڭ تۈركىيەگە ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا 20 يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
شەمشىنۇر خانىم مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئاپام ۋە دادامنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ، مېنى يوقلاپ كەتكەندىن باشقا ھېچقانداق خاتالىقى يوق. خىتاي ئاتا-ئانامنىڭ تۈركىيە كېلىپ، مىنى يوقلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا 20 يىللىق جازا كەستى.

دادام شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىدا ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان. ئاپام غۇلجا شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا ئىشلەپ دەم ئېلىشق

چىققان. كىچىك ئاپام خەمىدە خەلپەھاجى غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى. ھازىر ئۇمۇ جازا لاگېرىدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلغان يولسىزلىقىغا چىداپ تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس».

 

 

بۇ خەۋەر 1862 قېتىم كۆرۈلدى
27/06/2019 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق