فىلىپپىن خىتايغا قارشى ياپونىيەدىن ھەربىي پاراخوت سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى

خىتاي بىلەن بولغان جىددىيچىلىك داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ياپونىيەدىن تېخىمۇ كۆپ چارلىغۇچى پاراخوت سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى 17-ماي ياپونىيەدىن قىممىتى 400 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان بەش تال دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى چارلىغۇچى پاراخوتىنى سېتىۋېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا، ياپونىيەنىڭ فىلىپپىننى 64 مىليارد 380 مىليون يىن (413 مىليون دوللار) قەرز بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، فىلىپپىننىڭ بۇ پۇلنى 97 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بەش تال كۆپ ئىقتىدارلىق چارلىغۇچى پاراخوت سېتىۋېلىشقا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

باياناتتا يەنە: «بۇ فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ دېڭىز-ئوكيان ھەرىكەت ئىقتىدارىنى، بولۇپمۇ دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» دېيىلگەن.

نۆۋەتتە فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 97 مېتىر كېلىدىغان ئىككى چارلاش پاراخوتى بار بولۇپ، بۇ فىلىپپىننىڭ كەڭ دېڭىز رايونلىرىنى چارلىشىغا يەتمەيدىكەن. نۆۋەتتە ياپونىيە فىلىپپىننىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغان ئەڭ چوڭ تەمىنلىگۈچىسى بولماقتا.

ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتى فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە بېلىقچىلىق ۋە سۇ بايلىقى ئىدارىسىنىڭ ئىككى پاراخوتىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ زەمبىرەكلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، فىلىپپىن پاراخوتلىرىغا زەرەر يەتكۈزگەنىدى. بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ يېڭى دېڭىز توقۇنۇشى بولۇپ، بۇ ئەھۋال جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەنىدى. فىلىپپىن ئامېرىكا بىلەن خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، 8-ماي ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1204 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2024 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق