ب د ت مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇردى

ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.

ب د ت ئورگان تورىنىڭ 14-ماي خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارھان ھەق مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەۋە ئاپتوموبىلنىڭ رافاھتا ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى توغرىسىدا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمنىڭ شۇ جايدىكى بىر تانكىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

فارھان ھەق ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ بىردىنبىر تانكىسى بار تەرەپ ئىكەنلىكىنى، بۇ ھۇجۇمنى ئىسرائىلىيەنىڭ قىلغانلىقى ئەقىلگە مۇۋاپىق پەرەز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 13-ماي شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن ب د ت خەۋپسىزلىك ۋە ئامانلىق ساقلاش تارمىقىنىڭ خىزمەتچىلىرى رافاھتىكى ياۋروپا دوختۇرخانىسىغا بارغان. يولدا ئۇلار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ھىندىستانلىق بىر خىزمەتچى ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن باشقا، يەنە بىر ئادەم ئېغىر يارىلانغان. ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېرېس ب د ت خادىملىرىغا قارىتىلغان بارلىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1654 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2024 19:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق