ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى (6)

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

(6)

 

 

تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر.

تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

تەڭ كۆتۈرگەن يۈك يېنىك.

تەن بىرلىكىنى كۈتمە، دىل بىرلىكىنى كۈت.

تەن راھىتى ئاز يېيىشتە، تىل راھىتى ئاز دېيىشتە.

تەنقىد ئاقارتىدۇ، ماختاش قاپارتىدۇ.

تەۋەككۇلچىنىڭ بىر ناخشىسى ئارتۇق.

تەۋرەپ كەتكەن ئەلدىن قورق، يامراپ كەتكەن سەلدىن قورق.

تەييارغا ئۆگەنسەڭ، قەدرىڭدىن كېتىسەن.

قارىغاي سوغۇقتىن قورقماس، قەھرىمان توسۇقتىن قورقماس.

تەييارلىقسىز جەڭگە كىرمەڭ، ئارغامچىسىز دەڭگە كىرمەڭ.

تەييارلىقىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولۇر.

تەييار ئىشنىڭ بېشىغا، ھۇرۇن كېلەر قېشىغا.

توپقا قارىتىپ تاش ئاتساڭ، ئۆز بېشىڭنى يارار.

توپلاشقان قاغا يولۋاسنى يەپتۇ.

توپنى ئۆرلەتكەن يەل، باتۇرنى ئۆستۈرگەن ئەل.

توختىسا ھەرىكەت، تۈگەيدۇ بەرىكەت.

توشقاننى قومۇش ئۆلتۈرەر، ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر.

توشقان ئۆلسە، تۈلكە مازار چۆرگىلەر.

توغان بېشىدىكى دەرەخكە كۈن يوق، باينىڭ قېشىدىكى كەمبەغەلگە كۈن يوق.

توغرا قىلساڭ ئاتىقىڭ چىقار، خاتا قىلساڭ چاتىقىڭ چىقار.

توغرا يۈردۈڭ، يەتتىڭ مۇرادقا، ئەگرى يۈردۈڭ، قالدىڭ ئۇياتقا.

توغرا بولساڭ كېلەر ئامىتىڭ، ئەگرى بولساڭ سۇنار قانىتىڭ.

توق مۈشۈك چاشقان بىلەن ئوينايدۇ.

توكۇرنى ياردا تۇت، توشقاننى قاردا تۇت.

تولا سۆز چىققان ئېغىزدىن چاپاق باسقان كۆز ياخشى.

تولا گەپ داغ بولار، قىسقا گەپ ياغ بولار.

توي تۈگىگەندە ناغرا چېلىپتۇ، قېتىق تۈگىگەندە زاغرا يەپتۇ.

تويدا كۈلگەن دوستۇڭنى ئۆلۈمدە سىنا.

تويدا ناغرا ياخشى، قېتىققا زاغرا ياخشى.

تۇز قەدرىنى بىلمىگەن، تۇز قەدرىگە بوغۇلار.

تۇغۇڭنى تۇغۇلغان يەرگە قادا.

تۇمشۇقىغا يېمەي، بۇرنىغا سۇ كىرمەس.

تۇيۇقسىز كەلگەن مېھمان ئوغرى توقمىقىدىن يامان.

تۆشۈككە پاتمىغان چاشقان قوڭىغا غەلۋىر باغلاپتۇ

تۆشۈك كىچىك بولسىمۇ، چوڭ بىر كېمىنى غەرق قىلىۋېتىدۇ.

تۆگىدەك بويۇڭ بولغان بىلەن، تۈگمىدەك ئەقلىڭ بولمىسا بىكار.

تۆگىدەك قىز بېرىپ، تۈگمىدەك گۆش يەپتۇ.

تۆگىنى شامال ئۇچۇرتسا، ئۆچكىنى ئاسماندا كۆر.

تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا كەس، ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس.

تۆمۈرنى دات يەيدۇ، ئۆمۈرنى دەرت يەيدۇ.

تۆھپىسى بارنىڭ ھۆرمىتى يوق، ھۆرمىتى بارنىڭ تۆھپىسى يوق.

تۇزىنى يەپ، تۇزلۇقىنى چېقىپتۇ.

تۈتۈننىڭ ئاچچقىنى مورا بىلەر.

تۈگمەن بار يەردە ياغۇنچاقنىڭ نېمە ئىشى.

تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان گۈلدۈرمامىدىن قورقماس.

تۈلكە سۆزگە چىقسا، توخۇ غەمگە چۈشۈپتۇ.

تۈلكىنىڭ سالىمىغا خورازنىڭ جاۋابى بار.

تېرىساڭ يىغىۋالىسەن تاغارلاپ ئاش، تېرىمىساڭ تاتىلارسەن باش.

تېرىقنىڭ بولۇشى كۆكىدىن مەلۇم، بالىنىڭ ئادەم بولۇشى كىچىكىدىن مەلۇم.

تېزىنى باسسا بېزى، بېزىنى باسسا مېزى.

تېشىدا ئىنساپ يالتىراپتۇ، ئىچىدە تۇڭگۇز قاتراپتۇ.

تىرىشچان تاشقا مىخ قاقار، بىپەرۋا پۇتىغا پالتا چاپار.

تىرىشچانغا ۋاقىت يەتمەس، ھۇرۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس.

تىغ بىرگە زەربە، تىل مىڭغا زەربە.

تىغدىكى ھەسەلنى يالىساڭ، تىلىڭنى كېسەر.

تىغنى دۈشمىنىڭگە سالمىساڭ، ئۆز كۆكسۈڭگە قادىلار.

تىغ يارىسى ساقىيار، دىل يارىسى ساقايماس.

تىكەندىن قورققان گۈل ئۈزەلمەس.

تىكەنسىز گۈل بولماس، جاپاسىز بىلىم.

تىلەپ يېگۈچە، ئىشلەپ يە.

تىل بۇزۇلسا، ئەل بۇزۇلۇر.

تىلنى بىلىش دىننى بىلىشكە يول ئاچۇر.

تىلنى سۆيمىگەن ئەلنى سۆيمەس.

تىلى تاتلىق موزاي ئىككى ئانىنى ئېمىپتۇ.

تىلىڭ ئوقۇشقا كەلمىسە، قولۇڭ ھۈنەرگە كەلسۇن.

تىلىڭ ئۇزارسا، ئۆمرۈڭ قىسقىرار.

ئالتۇن ئۆيۈڭ بولغۇچە، تىنچ كۆڭلۈڭ بولسۇن.

جاپا تارتمىغىچە ھالاۋەت يوق، ئىناق بولمىغىچە سائادەت يوق.

جاپانى كىم تولا چەكسە، گۆھەرنى شۇ ئالۇر تاشتىن.

جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك شەھەردە ھاڭرىيالماس.

جاڭگالنىڭ تۈلكىسى كۆپ، خۇشامەتچىنىڭ كۈلكىسى كۆپ.

جاڭگال يوقلىغان قىشتا كۈلۈپتۇ، ئويناپ يايرىغان توڭلاپ ئۆلۈپتۇ.

جاڭگال يېقىن دەپ ئوتۇننى بۇزما، كۆل يېقىن دەپ سۇنى بۇزما.

جامالىڭغا باقمايمەن، ئۆي تۇتۇشىڭغا باقىمەن.

جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان.

جان چىققاندا دېمىدە ئىچكۈزگەننىڭ پايدىسى يوق.

جان دوستۇڭ جېنىدىن كەچسە، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس.

جان راھىتى تەن بىلەن، تەن راھىتى پەم بىلەن.

جانلىق نادان ئۆلۈك، جانسىز ئالىم  تىرىك.

جاننى كېپەككە سات، ئابرۇينى ئالتۇنغا ئال.

جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق.

جاھاننى سۇ باسسا، ئۆردەكنىڭ قاپتىلىغا كەلمەپتۇ.

جاي بەرگەنگە جان بەر.

ئادەمدىن ھايا قاچسا، ئورنىغا بالا كېلەر.

ئەدەبلىك ئويۇننى ئويۇن قىلىدۇ، ئەدەبسىز ئويۇننى قۇيۇن قىلىدۇ.

جەڭدە ئۆلسە بىر كىشى، غەيرەتلىنەر مىڭ كىشى.

جەڭگە ئالدىرىما، ئاتقاننى كۆرىسەن، سەلگە ئالدىرىما، ئاققاننى كۆرىسەن.

جەننەتنى بېرەي دېسىمۇ، شەيتانغا ئالدىرىما.

جىرىم تىكسەڭ پۇتاپ تۇر، تۈز لىم ئالىسەن، بىكار بولساڭ كىتاب كۆر، بىلىم ئالىسەن.

جىگدە ياغىچى بادرا بولماس، دېھقان بالىسى كادىر بولماس.

جىگدىگە يىلىم يارىشار، ئادەمگە بىلىم يارىشار.

تارازا تۇتقاندا ئىنساپىڭنى تارتىپ كۆر.

چاپىنىمدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق.

چارۋا قىلساڭ بېقىپ يەرسەن، ئورمان قىلساڭ يېتىپ يەرسەن.

چاشقان دەرمىش: شاھ بار، گاداي بار، پوقۇمنى يېمىگەن كىم بار؟

مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن. 

 

بۇ خەۋەر 1880 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2019 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق