گېرمانىيە ئەمەلدارى: خىتاي بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت

گېرمانىيە خىرىستىيان دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى فىرېدرىش مېرز خىتاي ھەققىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاي بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت بولماقتا» دېدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 22-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئالدىنقى ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، گېرمانىيە ئۆكتىچىلىرىدىن خىرىستىيان دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى فىرېدرىش مېرز خىتاينى دۇنيادىكى نۇرغۇن ئۇرۇش ۋە كىرىزىسلارغا بىۋاسىتە مەسئۇل، دەپ ئەيىبلىگەن.

فىرېدرىش مېرز سۆزىدە: «خىتاي بارغانسېرى ئىچكى جەھەتتە باستۇرۇشقا ۋە تاشقى جەھەتتە تاجاۋۇزچىلىققا يۈزلەندى. شۇڭا خىتاي بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە كۈنسېرى تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، شىمالى كورىيەنىڭ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشى خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن» دېگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن 30 يىلدا خىتاينىڭ چەت ئەل شىركەتلەرگە بولغان سىياسىي تەسىرى ھازىرقىدەك ئۇنچە چوڭ ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە گېرمانىيە شىركەتلىرى بارغانسېرى خىتاينىڭ تەسىرگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇ ئوچۇق ھالەتتە ئەمەس، بەلكى باستۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشماقتىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي تاشقى جەھەتتە بارغانسېرى تاجاۋۇزچىلىق يولىغا مېڭىپ، تەيۋەنگە ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىت سالغان، جەنۇبىي دېڭىز، شەرقىي دېڭىزىدىكى ھەربىي ئىقتىدارىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتكەن. خىتاي گېرمانىيە شىركەتلىرى ئۈچۈن يەنىلا ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما فىرېدرىش مېرز خىتايغا بېقىنىشنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ھەر بىر گېرمانىيە شىركىتى خىتايغا مەبلەغ سالغاندا خەتەرنى ئالدىن ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە: «بولۇپمۇ دۆلەت يەنە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم بايلىق ۋە تاۋار مەسىلىسىدە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا رامكىسىنى ئېنىق بەلگىلىشى كېرەك. بىز رۇسىيەنىڭ گازىغا بېقىنىپ قالغانغا ئوخشاش، خەتەرلىك بېقىندىلىق ئەھۋالىغا قايتا چۈشۈپ قالماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1305 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2024 13:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق