مالايشىيا دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

مالايشىيا دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسىي ئىشلار كاتىپى دوكتور ئابدۇرازاق بىلەن مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ABİM) نىڭ رەئىسى فەھمى شەمسۇددىن 15-ماي خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

مېھمانلارنى تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بىرلىكنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى قاتارلىقلار بىرلىك ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

سۆھبەت  جەريانىدا مېھمانلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى تونۇشتۇرۇلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بويىچە ئورتاق تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2172 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2024 19:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق