خىتاي ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئولتۇرغان تەكشۈرۈش پاراخوتىنى توسۇۋالدى

خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر پاراخوت ئەترىتى شەرقىي دېڭىزنىڭ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايونىدا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئولتۇرغان تەكشۈرۈش پاراخوتىنى توسۇۋالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى 28-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتلىرىنىڭ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلىغا (خىتاي دياۋيۈ ئارىلى دەپ دەۋا قىلىدۇ) چىقماقچى بولغان ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن «قانۇنلۇق تەدبىر قوللانغانلىقى»نى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ياپونىيەگە بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى ۋە كۆپلىگەن ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ مۇۋەققەت باش كاتىپى سېئىجى كىخارا ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى تومومى ئىنادا قاتارلىق بەش پارلامېنت ئەزاسى ئىشىگاكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئارال ۋە دېڭىز رايونلىرىنى، جۈملىدىن سېنكاكۇ ئارىلىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىققان ۋە ئارالغا چىقىپ تەكشۈرۈشتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى NHK نىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 27-ئاپرېل سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا ئۈچ سائەت تۇرغان ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلىتىپ، ئەتراپتىكى ئەھۋاللارنى كۆزەتكەن. ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ پاراخوتلىرى نەق مەيداندا تۇرۇپ خىتاينى نازارەت قىلغان ۋە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتلىرىنىڭ پائالىيەتكە كاشىلا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

تومومى ئىنادا بۇ ھەقتە يەنە: «ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئېغىر بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى چۈشىنىدۇ. سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىزگە تەۋە. بىز بۇ ئارالغا چىقىپ، تەتقىقات ئىشلىرىنى قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي ياپونىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا قاتتىن نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى ھوقۇقىنى قوغداش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللار خىتايغا تەۋە زېمىن. خىتاينىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى، دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ» دەپ جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1158 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2024 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق