ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (18)

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى

(18)

ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك، ناچار مالنى سېتىشقا سۆز كېرەك.

سەدىقە بالانى يەر ، توۋا گۇناھنى يەر.

تويدىن يامانلىساڭ، توي قىلىپ كۆر.

ئوۋنى ئوۋلا ئوۋچى بىلەن، توينى ئوينا تويچى بىلەن.

يەر تويدۇرار، ئوت كۆيدۈرەر.

تويمىساڭ تويۇڭدا تۇيارسەن.

كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.

كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.

گەپ دېگەننىڭ تۇرغۇچى بار.

تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.

گالغا نان تۈرسە، سۇغا يۈگۈر، گالغا سۇ تۈرسە، گۆرگە يۈگۈر.

ئادەمنىڭ تەمى سۆز  بىلەن، ئاشنىڭ تەمى تۇز  بىلەن.

تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭغا چىچاي.

سۇ كەلگۈچە تۇغان سال.

تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.

چۆگۈن ئالساڭ چەپچەكلىكنى ئال، خوتۇن ئالساڭ ئەمچەكلىكنى ئال.

تۇغۇۋالمىغۇچە بالا بولماس .

توخۇ سەمرىسە تۇغمىقى تەس؛ ئادەم سەمرىسە قوپمىقى تەس.

خوتۇن كىشىنىڭ توللۇقىدىن ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.

جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.

ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ، ھايۋان تۇياقتىن.

تۆشۈك قۇلاق نېمىنى ئاڭلىماس.

يىرتىق تۆشۈكتىن كۈلەر، چۆمۈچ قازاندىن.

تۆشۈك مونچاق يەردە ياتماس،يەردە ياتسا توپا باسماس.

قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا.

ئون تال يىڭنىنى سوقسا، بىر تال تۆمۈنە بولماس.

تۆھمەت تاش ياراي   ، بايقىمىساڭ باش.

تۆھمەتخور ئاخىرى تۆھمەت بىلەن ئۆلەر.

مېۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۈۋەن.

تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلەر.

ئەر كىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.

تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بۇلار.

ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا.

دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان، ئىچى قۇرۇق، ماختانچاقنىڭ گېپى يوغان، مېغىزى يوق.

باي ماختانسا ئېچىلىدۇ، يوق ماختانسا چېچىلىدۇ.

دوسىت كەينىڭدە ماختار ، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.

ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ.

ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.

قوشتا يوق، ماشاقتا يوق، خاماندا بار.

بېشىڭنى كىم سىلسا، ماشايىقىڭ شۇ، يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا، چىرايلىقىڭ شۇ.

يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق-ياق.

پىچاق گۆشكە ماڭار، سۆڭەككە ماڭماس.

مېلى بارنىڭ مېلىغا، مېلى يوقنىڭ جېنىغا.

ماندارلىقتا ئات ئۆلمەس، ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس.

ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق.

غەرەزدىن غەرەز تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرەز.

مەرتنى مەيداندا سىنا.

مەرتنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن.

كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس.

مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.

چۆچۈرە يىمەكتىن مەقسەت گۆش يىمەك.

ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار.

يولۋاس ياتقىنىدىن مەلۇم.

تېرىق قۇلىقىدىن، بالا كىچكىدىن مەلۇم.

سەن ئۆل، مەن ياشاي .

ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، مېھنىتىگە قارا.

ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس.

 

(تۈگىدى)

بۇ خەۋەر 2514 قېتىم كۆرۈلدى
21/09/2019 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق