جەنۇبىي دېڭىزدىكى ۋەزىيەت داۋاملىق جىددىيلەشمەكتە

فىلىپپىننىڭ پۇقرالار پاراخوتى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان دېڭىز رايونىغا بېرىشقا باشلىغان بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ۋەزىيەت داۋاملىق جىددىيلەشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىنلىق بىر تۈركۈم خەلق پائالىيەتچىلىرى 15-ماي تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان، خىتاي كونتروللۇقىدىكى سىكاربورو ئارىلىغا بېرىپ، فىلىپپىنلىق بېلىقچىلارغا تەمىنات تارقاتقان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز لىنىيەسىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار دۆلەتنىڭ شىمالىي پورتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئېيتىشىچە، فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى مەزكۇر پۇقراۋى پاراخوت ئەترىتىنى قوغدايدىغان بولۇپ، پاراخوت ئەترىتى تۆت سودا بېلىقچىلىق كېمىسى ۋە بىر قىسىم كىچىك پاراخوتلاردىن، شۇنداقلا تەخمىنەن 100 ئادەمدىن تەشكىل تاپىدىكەن.

ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتى ئوخشاش رايوندىكى فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە بېلىقچىلىق ۋە سۇ بايلىقى ئىدارىسىنىڭ ئىككى پاراخوتىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ زەمبىرەكلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، فىلىپپىن پاراخوتلىرىغا زەرەر يەتكۈزگەنىدى. بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ يېڭى دېڭىز توقۇنۇشى بولۇپ، بۇ ئەھۋال جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەنىدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، رايوندىكى دۆلەتلەر خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە. 8-ماي ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مانېۋىردا مەۋھۇم دۈشمەن ئۇرۇش پاراخوتى بومباردىمان قىلىنغانىدى. بىلدۈرۈلۈشىچە فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھەرىكىتىگە قارشى خەلق ئىگىلىكىدىكى پاراخوتلارنى تەشكىللىگەن بولۇپ، خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقى داۋاسى قىلىۋاتقان رايونغا ئەۋەتىشكە باشلىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ فىلىپپىننى قوغداش ۋەدىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1884 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2024 19:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق