ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (14)

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى

(14)

ئىچى يامان يېرىلىپ ئۆلەر.

ئىچى ياماننىڭ قازىنى قاينىماس.

ئىچى ياماننىڭ ئېشىنى ئىت ئىچىدۇ.

ئىختىدا قىلسام ئىمامغا، ئەسقاتمىدى بىر نانغا .

ئىزدەشمىگەنچە ئارىلىق ئۇزىرار.

ئىسراپچىلىق نەدە؟ ئەمگەك قىلمىغان يەردە.

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلەر.

ئىسىنى چىقارماي كاۋاپ يەپتۇ، ھورىنى چىقارماي مانتا يەپتۇ.

ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ.

ئىش بېشىدا ئەقىللىق كۆپ.

ئىش بېشى كۆپ بولسا، ئىش كەينىگە كېتەر.

ئىشتا تەييارلىق بولمىسا، ھەييارلىق كار قىلماس.

ئىشتا ھەييار، ئاشقا تەييار.

ئىشتىن قاچساڭ، قورساققا تۇتۇلىسەن.

ئىشچان بولساڭ ئېشىڭنى يەيسەن، ھۇرۇن بولساڭ بېشىڭنى يەيسەن.

ئىشچاندىن كېسەل قورقىدۇ، ھۇرۇنغا كېسەل يۇقىدۇ.

ئىشچاننىڭ پۇلى تۈگىمەس، بەتخەجنىڭ قەرزى تۈگىمەس.

ئىشچاننىڭ راھىتى مەڭگۈلۈك، ھۇرۇننىڭ راھىتى بىر كۈنلۈك.

ئىشچاننىڭ مىننىتى يوق، بېخىلنىڭ ھىممىتى يوق.

ئىشچاننىڭ نېنى كۆپ، ھۇرۇننىڭ غېمى كۆپ.

ئىشچان ئىشلەپ تاپار، ھۇرۇن تىلەپ تاپار.

ئىشسىز ئۆتكەن ئۆمۈر، ئوتى ئۆچكەن كۆمۈر.

ئىشلىسەڭ خار بولمايسەن.

ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق.

ئىشنى قىل ئەپ بىلەن، بالاڭنى باشقۇر گەپ بىلەن.

ئىشنى قىل زەردەڭ بىلەن، گەپنى قىل لەۋزىڭ بىلەن.

ئىش ياقماسقا ئۆگەتمە، گېپىڭ بىكارغا كېتەر.

ئىككى ئات تېپىشسە، ئارىدا قالغان ئېشەك ئۆلەر.

ئىككى بالىنىڭ ئارىسىدىكى بوۋاي بالا بولۇر، ئىككى بوۋاي ئارىسىدىكى بالا دانا بولۇر.

ئىككى نەرسىنىڭ قەدرى كېيىن بىلىنىدۇ: بىرى ياشلىق، يەنە بىرى سالامەتلىك.

ئىككى ياخشى بىر بولسا تېنچلىق تەلەيدۇ، ئىككى يامان بىر بولسا پىچاق بىلەيدۇ.

ئىگىسى رازى بولمىغان ئاش قورساق ئاغرىتار.

ئىگىسى ئۆلسە بىر كىشى يىغلاپتۇ، ئېتى ئۆلسە مىڭ كىشى يىغلاپتۇ.

ئىلىمگە خىيانەت يەتسە، ئەلگە قىيامەت بولۇر.

ئىلىم يولىدا ئەلەم چەككەن ئادەم، بەخت شوتىسىغا قويىدۇ قەدەم.

ئىمام ئاخۇنۇم يۆتەلسە، جامائەت زۇكامداپ قاپتۇ.

ئىناق ئەلدە ئاپەت يوق، ئىناقسىز ئەلدە ئامەت يوق.

ئىناق ئەلدە قاياش كۆپ، ئىناقسىز ئەلدە تالاش كۆپ.

ئىناق بولماي سائادەت يوق.

ئىناقلىق بولمىسا ئاۋاتلىق بولماس.

ئىناق ئۆتسەڭ ئامەت بار، تېجەشلىك بولساڭ بەرىكەت بار.

ئىناۋەت تاپاي دېسەڭ، توغرا سۆزلە؛ بەخت تاپاي دېسەڭ، ئەلنى كۆزلە.

ئىنساپ بار يەردە بەرىكەت بار.

ئىنساپسىزدىن جىن قورقار.

يات يۇرتتا تورغايمۇ سايرىماس.

يات يۇرتتا ياقاڭ يىرتىلار.

يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە.

ياخشى ئات ئەر قانىتى، ياخشى ئەر ئەل قانىتى.

ياخشى ئات كۆندۈرۈشكە باغلىق، يامان بالا تەربىيلەشكە باغلىق.

ياخشى ئاتنى دەڭدىن كۆر، باتۇر يىگىتنى جەڭدە كۆر.

ياخشى ئادەم ئاش ئۈستىگە كېلەر، يامان ئادەم گەپ ئۈستىگە.

ياخشى ئادەم ئامانلىشىپ كۆچەر، يامان ئادەم يامانلىشىپ كۆچەر.

ياخشى بالا تېپىپ يەيدۇ، يامان بالا سېتىپ يەيدۇ.

ياخشى بولساڭ يولداش مەن، ھەر ئىشىڭغا قولداشمەن.

ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرەر، يامان بولسا باشقىدىن كۆرەر.

ياخشى بىلەن دوست بولساڭ كۈندە بازار، يامان بىلەن دوست بولساڭ كۈندە ئازار.

ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، ئېچىلار چېچەكلىرىڭ؛ يامان بىلەن دوست بولساڭ، يېرىلار يۈرەكلىرىڭ.

ياخشى تۇرقىدىن بىلىنەر، يامان قىلىقىدىن.

ياخشى تېپىپ سۆزلەيدۇ، يامان كۆپۈپ.

ياخشى تىلەككە يامان چېچەك.

ياخشى خوتۇن قىشتا تۇغۇپ، ئىسسىق ياتار؛ ئەسكى خوتۇن يازدا تۇغۇپ، سېسىپ ياتار.

ياخشى دوست دەردكە داۋا، نادان دوست باشقا بالا.

ياخشى سۆز جان ئوزۇقى، يامان سۆز جان قوزۇقى.

ياخشىغا ئارام يوق، يامانغا زاۋال يوق.

ياخشىغا يېتىشمەك تەس، ياماندىن قۇتۇلماق تەس

ياخشى قوشنا خۇشلىشىپ كۆچەر، يامان قوشنا مۇشتلىشىپ كۆچەر.

ياخشى كېلىن كۈلگۈنچەك.

ياخشى كىشىنىڭ دوستى كۆپ، يامان كىشىنىڭ غەيۋىتى كۆپ.

ياخشى كىشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، ياخشى يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە بىلىنەر.

ياخشى گەپ بۇسۇغىدىن چىققۇچە، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.

ياخشى گەپ يۈرەكنىڭ يېغى، يامان گەپ يۈرەكنىڭ دېغى.

ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىدىن كېلەر، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىدىن كېلەر.

ياخشىلىق قىلىشنى بىلمىسەڭ، ياخشىلارغا قوشۇل.

ياخشىنىڭ قەدرىنى ئەسكى بىلمەس، ئىككى ياخشى ئوتتۇرىسىدا قىل ئۈزۈلمەس.

ياخشىنىڭ قەدرىگە يېتەي دېسەڭ، يامانغان يولۇق.

ياخشىنىڭ قەدرىنى ئايرىلغاندا بىلىسەن.

ياخشىنىڭ ياخشىلىقى تېگەر تار يەردە، ياماننىڭ يامانلىقى تېگەر ھەر يەردە.

ياخشى ئۆلسە ھەممە ئۆلەر، يامان ئۆلسە بىرى ئۆلەر.

ياخشى ياپىدۇ، يامان ئاچىدۇ.

يارا ئاغرىقىدىن دىل ئاغرىقى يامان.

ياردىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار، ئەلدىن ئايرىلغان ئۆلگىچە يىغلار.

يارىتىشنى مەن ياراتتىم، يارىلىشنى ئۆزۈڭ بىل.

يارىم يامانلىغانغا خۇش، مەن قۇتۇلغانغا خۇش.

يارىنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىپتۇ.

ياز بولسا قىش بولمىسا، ئاش بولسا ئىش بولمىسا.

يازدا قىلساڭ ئىشنى، ئويناپ ئۆتكۈزىسەن قىشنى.

يازدا ھۇرۇنلۇق قىلساڭ، قىشتا تىلەمچىلىك قىلىسەن.

يازدا ئوينىغان قىشتا مۇزلاپتۇ.

 

داۋامى بار

 

بۇ خەۋەر 1892 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2019 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق