ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئىپتار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

23-مارت ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئوسمانلى مەرىكە زالىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئىپتار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر خەلقىدىن سىرت، سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بۆلۈمى مۇدىرى سەردار دال، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن دوكتور رەشىدە يۈكسەل خانىم، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئۆزلەم ئېرۇل خانىم، ئىيى پارتىيەسى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى نامزاتى بۇغرا كاۋۇنجۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ئاياللار ئىچكى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ رەئىسى، زەيتىنبۇرنۇ مەجلىس ئەزاسى نامزاتى خۇرشىدە ئارتىش خانىم، ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەييۇب ئاقبال، كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى مۇستاپا ئانتەپلىئوغلى، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى دوكتور ئادەمئوسلۇ قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى. ئۇندىن باشقا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، سائادەت پارتىيەسى، يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى، ئۆلكە ئوجاقلىرى مەركىزىي رەھبەرلىكى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەت ئابدۇجېلىل قارىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن ساھىبخانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستانبۇلدا يىغىلىپ ئىپتارلىشىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇش ۋە باشقا بارلىق ئىبادەتلەرنى چەكلىگەنلىكىنى، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ روزا تۇتۇش قاتارلىق بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا، باشقا دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىيى پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى نامزاتى بۇغرا كاۋۇنجۇمۇ سۆز قىلىپ، ئىيى پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىقىشقا، تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر ۋاقىت كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئەييۇب ئاقبال ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ: «زۇلۇم دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە داۋاملاشماقتا. تۈركىيە ئىسلام دۇنياسىنىڭ چوڭ قەلئەسى بولۇپ، تۈركىيەنى كۈچلەندۈرۈش تولىمۇ مۇھىم. خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن دوكتور رەشىدە يۈكسەل خانىم سۆز قىلىپ، غەززەدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستانغىچە داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ تېزرەك ئاخىرلىشىشىنى ئاللاھتىن تىلەيدىغانلىقىنى، ئۆز پارتىيەسىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن تۈركىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن جامائەتنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان، ئاراكان، ئافغانىستان، پەلەستىن، ئىراق تۈركمەنلىرى قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىشنى راۋا كۆرگەنلەرگە قارشى مۇجادىلىنى ئاداققىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارنىڭ، غەززەدە مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ھېسابىنى تۈرك خەلقىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاتاۋۇللاھ خەلپەتھاجىنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3239 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2024 13:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق