ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (13)

 

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى

 

(13)

 

ئۆگەنسەڭ ھۈنەر، تېرىساڭ ئۈنەر.

ئۆگەنگەن بىلىم بىكار كەتمەس.

ئۆگەيلىك ئانىدىن ئەمەس، بالىدىن.

ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۆگەن، ئېلىش ئۈچۈن بەر.

ئۆلگىسى كەلگەن چاشقان، مۈشۈكنىڭ قۇيرىقىنى چىشلەپتۇ.

ئۆلسەڭ ئۆل، ۋەتەندە ئۆل.

ئۆلگەندە يىغلىغىچە، ئۆلمەستە سەۋەب قىل.

ئۆلگەندىن كېيىن «ياسىن» ئوقۇغاننىڭ نېمە پايدىسى.

ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار

ئۆلۈشتىن قورقما، ئۆلەرمەن بولۇپ ياشاشتىن قورق.

ئۆلۈمدىن خورلۇق يامان.

ئۆلۈمنى ئۇنتۇغان دۈشمەننى يېڭەر.

ئۆمرۈڭنى خۇدادىن تىلە، رىسقىڭنى ئۆزۈڭ تاپ.

ئۆمۈرلۈك دېسەڭ كۆزىگە قارا، بىر كۈنلۈك دېسەڭ يۈزىگە قارا.

ئۆمىلەپ يۈرۈپ ياشىغۇچە، ئۆرە تۇرۇپ ئۆل.

ئۆي ئالساڭ، قوشنا ئال، يەر ئالساڭ، سۇ ئال.

ئۆي يىراقى بولسا بولسۇن، كۆڭۈل يىراقى بولمىسۇن.

ئۆي تارچىلىقىدا ھېچ گەپ يوق، كۆڭۈل تارچىلىقى يامان.

ئۆي تۆرىدىن ئورۇن ئالغۇچە، كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئال.

ئۆيدە راھىتى يوقنىڭ كوچىدا پاراغىتى يوق.

ئۆيدىكى پۇل ئوق پۇل، قەرز بەرگەن پۇل يوق پۇل.

ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەپتۇ.

ئۆي كۆچۈشتىن بۇرۇن قوشنا ئىزدە، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن يولداش ئىزدە.

ئۆينى بىر سەرگە ئال، قوشنىنى مىڭ سەرگە ئال.

ئۆينى ئوغرى ئالغاندىن كېيىن ئىشىك تاقاپتۇ.

ئۆيۈڭ تار بولسىمۇ داستىخىنىڭ كەڭ بولسۇن.

ئۆيۈڭ تار بولسىمۇ، كۆڭلۈڭ كەڭ بولسۇن.

ئۆيۈڭدىن ئايرىلساڭمۇ، ئېلىڭدىن ئايرىلما.

ئۆيۈڭ كەڭ بولساڭ، ئادەم سىغار؛ كۆڭلۈڭ كەڭ بولسا، ئالەم سىغار.

ئۈزۈم قىلساڭ باراڭغا ئال، توي قىلساڭ مەسلىھەت سال.

ئۆگرىنى تاشلاپ تالقان يەپتۇ، يۇرتىنى تاشلاپ ئارمان يەپتۇ.

ئۈنچە – مارجان تاش ئىكەن، ئارپا – تېرىق ئاش ئىكەن؛ ئەجداتلارنىڭ ئېيتقىنى يالغان ئەمەس راست ئىكەن.

ۋاپا تاق، جاپا جۈپ.

ۋاقتىدا قىلساڭ ئىشنى، ئويناپ ئۆتكۈزىسەن قىشنى؛ ۋاقتىدا قىلمىساڭ ئىشنى يىغلاپ ئۆتكۈزىسەن قىشنى.

ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ.

ۋەتەنسىز ئادەم ھاياتى ماتەم.

ۋەتەنسىزنىڭ گۆرى تار.

ۋەتەن قۇدرەت تاپسا، جېنىڭ راھەت تاپىدۇ.

ۋەتەنگە كەلسە پالاكەت، ساڭا كېلەر ھالاكەت.

ۋىجدانسىزنىڭ گۈلى بولغۇچە، ۋىجدانلىقنىڭ قۇلى بول.

ئېتىزدا ئىزى يوقنىڭ خاماندا يۈزى يوق.

ئېتىقاد ئىرادىنى چىڭىتار، ئەقىل بۇلىقىنى ئاچار.

ئېتىم ئورۇق، يوللار يىراق.

ئېتىنى بەختىيار قويسام، خۇدا بەرمەپتۇ بەختىنى.

ئېرىنچەكنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، تەمەخورنىڭ پەتىسى تۈگىمەس.

ئېرىنمەي ئىشلىسەڭ، يىغلىماي چىشلەيسەن

ئېسىل پىچاق قىنىدا ياتماس.

ئېشەك ئالدىغا ئۆتىۋالسا، ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار.

ئېشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تېنچ.

ئېشەك كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىپ، مەن تۇلپار دەپتۇ.

ئېشەكنىڭ پۈرىكىنى ياغلاپ قويسا ھاڭرىيالمايدۇ، سوراقچىنىڭ گېلىنى ياغلاپ قويسا سۆزلىيەلمەيدۇ.

ئېشەكنىڭ تەپكىنىگە ئات ئۆلمەپتۇ.

ئېشەكنى ئوتقا ھەيدىسە، پوققا يۈگرەپتۇ.

سۈتتە ئاغزى كۆيگەن قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچەر.

ئېشىكىڭ يامان بولسا، سېتىپ قۇتۇل؛ قوشناڭ يامان بولسا، قېچىپ قۇتۇل.

ئېشىڭدىن بۇرۇن ئىشىڭنى ئويلا.

ئېشىڭغا بېقىپ يە، ئاغزىڭغا بېقىپ دە.

ئېشىنى يەپ تاۋىقىنى چېقىپتۇ، ئاش بەرگەنگە مۇشت بېرىپتۇ.

ئېشىنى يېسەڭ  تىلىڭ قىسقا

ئېغىر كۈننى كۆرمەي ئەسلى، ئۆتكۈر بولماس ھەر كىم ئەقلى.

ئېغىزدا بار، كۆڭلىدە يوق، سۆزدە بار، ئەمەلدە يوق.

ئېغىزغا كەلگەننى دېمەك ناداننىڭ ئىشى، ئالدىغا كەلگەننى يېمەك ھايۋاننىڭ ئىشى.

ئېغىز يۈگرۈكى باشقا، پۇت يۈگرۈكى ئاشقا

ئېغىزىدا «خۇش – خۇش!» كۈلۈپ تۇرىدۇ، يەڭ ئىچىدە پىچىقىنى بىلەپ تۇرىدۇ.

ئېغىزىمدىن چىقتى، ساقىلىمغا ياماشتى.

ئېقىن سۇ ئۇخلار، دۈشمەن ئۇخلىماس.

ئىگىز تاغمۇ غۇلاپ چۈشەر بىر كۈنى، زېرىكمەستىن كولاۋەرسەڭ ھەر كۈنى.

قىلدەك سەمىمىيەتلىك، پىلدەك ئاتاقتىن ئەلا.

ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ.

ئېلىشتا بىسمىللا، بېرىشتە ئەستاغپۇرۇللا.

ئېلىشنى بىلىپ بېرىشنى بىلمەپتۇ.

ئېلىڭ دېسە ئەرشكە يېتەر قولى، بېرىڭ دېسە يېڭىدىن چىقماس قولى.

ئېلىنى ساتقان  ئىت يالىقىدا ئاش ئىچەر.

ئېيىق بىلەن دوست بولساڭ، يېنىڭدىن پالتاڭنى ئاجراتما.

ئىت بىلەن بىر بولساڭ، ئىت خۇيلۇق بولارسەن.

ئىتتىپاقلىق ئوق ئۆتمەس قالقان.

ئىت توشقانغا يېتەي دېگەندە، سىيگۈسى كەپتۇ.

ئىتقا ئەتىر چاچساڭمۇ سېسىق پۇرايدۇ.

ئىت قوغلىسا سۇغا قاچ، تۆگە قوغلىسا تاغقا قاچ.

ئىتنىڭ ساددىلىقىدىن تۈلكە تۆرگە چىقىپتۇ.

ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر.

ئىتىڭ لالما بولسا، تۈلكە ئۆيۈڭگە كىرەر.

ئىچ ئاتنى يالغان قامچىلاپ، يانداق ئاتنى يورغىلىتىپتۇ.

ئىچتىڭ شاراب بولدۇڭ خاراب.

ئىچى تارنىڭ گۆرى تار.

ئىچىمدە ھازا، تېشىمدا ھېيت.

ئىچى يامان سەمرىمەس.

 

داۋامى بار

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 2373 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2019 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق