ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (12)

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى  (12)

ئۇسسۇلچى داپقا ئامراق، يالغانچى لاپقا ئامراق.

ئۇسسۇلنى باشلىغان داپچى، جېدەلنى باشلىغان لاپچى.

ئۇسسۇل ئوينىيالمىغان قىزغا ئۆينىڭ تارلىقى باھانە.

ئۇسسۇلۇڭنى كۆرسەتكۈچە، ھوسۇلۇڭنى كۆرسەت.

ئۇ قوشنامنىڭ توخۇسى بۇ قوشنامغا غاز كۆرۈنەر.

ئۇلاغ ئالساڭ چىشىنى كۆر، لايىقىڭنىڭ ئىشىنى كۆر.

ئۇلاغنىڭ ئەسكىسى پۇتى تاقاشقاق، ئادەمنىڭ ئەسكىسى گەپ تالاشقاق.

ئۇلۇغ سۇ شەپە قىلماس، بىلىملىك كىشى ھەيۋە قىلماس.

ئۇماچنىڭمۇ ئۆتنىسى بار.

ئۇماچ ئېشىم، ئالتۇن بېشىم.

ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، چىراغ پىلىكىدە بۇرۇت ياغلاپتۇ.

ئۇمىچى يوق مازاردىن شەيخ قېچىپتۇ.

ئۇياتسىزدىن ئالۋاستىمۇ قورقىدۇ.

ئۇياتسىز مۈشۈككە قازىناقنىڭ ئىشىكى ئوچۇق.

ئۇياققا تارتسام ئات ئۆلەر، بۇ ياققا تارتسام ھارۋا سۇنار.

ئۇيقۇ جاي تاللىماس، مۇھەببەت چىراي تاللىماس.

ئۇيقۇسى ئۇزۇننىڭ بەختى قىسقا.

ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇۋىقى سىرقىراپتۇ.

ئۇيۇشقاق ئەلدىن قورق، تەۋرەپ كەلگەن سەلدىن قورق.

ئۆزۈڭ بىلگەن يولنى ئاتاڭغا بەرمە.

ئۆپكىنىڭ دورىسى چامغۇر، چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر.

ئۆتەڭگە يەتمەي ناننى تۈگەتمە، ئورما كەلمەي ئېشىڭنى تۈگەتمە.

ئۆتسۇن، ئۆتمىسۇن، بىلەپ بېقىڭ، بەرسۇن، بەرمىسۇن تىلەپ بېقىڭ.

ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ، غەلۋىردە توختاپتۇ.

ئۆتكۈر پىچاق قىنىغا قەست، يالغان سۆز جانغا قەست.

ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما.

ئۆتكۈر سۆز ئاتقان ئوق.

ئۆتكۈنچى بۇلۇتتىن يامغۇر كۈتمە.

ئۆتمەس ماتا، زولاپ ساتا.

ئۆتمە نامەرد كۆۋرۈكىدىن، سۇ سېنى ئاقتۇرسىمۇ؛ يېمە نامەرد ئېشىنى، ئاچلىق سېنى ئۆلتۈرسىمۇ.

ئۆتۈكنى ياماشقا چەم كېرەك، ياماننى بابلاشقا پەم كېرەك.

ئۆتۈكنى يۇيۇپ كىيىپتۇ، پايپاقنى مايلاپ كىيىپتۇ.

ئۆچكە جان قايغۇسىدا، قاسساپ ياغ قايغۇسىدا.

ئۆچكىدە مال ئەتمە، شاپتۇلدا باغ ئەتمە.

ئۆچكىنى بوران ئۇچۇرسا، ئوغلىقىنى ئاسماندا كۆر.

ئۆچكىنىڭ دائىم ئوچۇق قالسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئوچۇق قالسا «ھۇيت! ھۇيت!...»

ئۆردەك بار كۆلدە غازغا كۈن يوق، چىۋىن بار ئۆيدە تازغا كۈن يوق.

ئۆردەك دەيمىش: «كۆتۈم ئامان بولسا، ھەممە كۆلنى سېسىتىمەن.»

ئۆردەكنى قونداققا ھەيدەپتۇ، توخۇنى كۆلچەككە ھەيدەپتۇ.

ئۆردەكنىڭ گۆشىنى يېسەڭ، غازنىڭ پېيىدا بول.

ئۆرۈك يەپ سۇ ئىچ، ئالما يەپ چاي ئىچ.

ھايۋان تۈكىدىن كېتەر، ئادەم گېپىدىن.

ئۆز ئاناڭ ئۆلدى، كەلمەيدۇ، ئۆگەي ئاناڭ ئاسان ئۆلمەيدۇ.

ئۆزۈڭ ئەگرى بولساڭمۇ، گېپىڭ تۈز بولسۇن.

ئۆزۈڭ رۇس بولساڭ، سايەڭمۇ رۇس بولىدۇ.

ئۆزۈڭ نېمە يېسەڭ، دوستۇڭغا شۇنى بەر.

ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا.

ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي، كۆتۈڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ.

ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەي دېسەڭ، باشقىلارغا ئەلچى كىرگۈزۈپ باق.

ئۆز ئەيىبىنى بىلگەن مەردتۇر.

ئۆز بالاڭدىن ئەيىب ئۆتسە، ياتقا شىكايەت قىلما.

ئۆز بېشىدىكى چىۋىننىلا قورۇپتۇ.

ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇپتۇ.

ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.

ئۆزگىنىڭ سۆزىگە ئىشەنگىچە، ئۆزۈڭنىڭ كۆزىگە ئىشەن.

ئۆزگىنى ئىززەتلىگىنىڭ  ئۆزۈڭنى ئىززەتلىگىنىڭ.

ئۆزلىرى بولالمايلا، بولغاننى كۆرەلمەيلا.

ئۆز نادانلىقىنى بىلگەن ئەخمەق ئەمەس.

ئۆز نەپسىدىن كەچمىگىچە، كىشىنى خۇش قىلغىلى بولماس.

ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى، پۇت – قولۇمنىڭ بوشلۇقى.

ئۆز ئۆيىدە پۈدەپ ئىچەر دوغنىمۇ، خەق ئۆيىدە يالماپ يۇتار چوغنىمۇ.

ئۆز ئۆيىدە مېھرىگىياھ، ياقا يۇرتتا شۇمبۇيا.

ئۆز ئۆيىنى سىرىپ سۈپۈرۈپتۇ، كىشىنىڭ ئۆيىگە قېقىرىپ تۈكۈرۈپتۇ.

ئۆزۈڭ تاپقان يولنى ئاتاڭغا بەرمە، گېزى كەلگەندە ئاتاڭدىن قالما.

ئۆزۈڭدىن ئۆزگىنى خىزىر بىل.

ئۆزۈڭدىن يۇقىرىغا قاراپ پىكىر قىل، ئۆزۈڭدىن تۆۋەنگە قاراپ شۈكرى قىل.

ئۆزۈڭ سەت بولساڭ، ئەينەكتىن يامانلىما.

ئۆزۈڭ سۆيگەننى ئالما، ئۆزۈڭنى سۆيگەننى ئال.

ئۆزۈڭ قىلمىساڭ غېمىڭنى، قاغا چوقار بېشىڭنى.

ئۆزۈڭ قىلىپ ۋاپاسىزلىق، ئۆزگىدىن ۋاپا كۈتمە.

ئۆزۈڭگە قوشۇقتا ئېلىپ، كىشىگە چۈمۈچتە بەر.

ئۆزۈڭگە ياقمىغاننى كىشىگە تاڭما.

ئۆزۈڭنى بەك تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.

ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل.

ئۆزۈڭنى قۇل قىل، ئاپاڭنى قۇل قىلما.

ئۆزۈڭنىڭ دېسە كالىدەك كۈچۈم بار، كىشىنىڭ دېسە زۆرۆر ئىشىم بار.

ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئايىمىساڭ، ئۆزگە سېنى ئايىماس.

ئۆزۈڭنى ئەزىز قىلاي دېسەڭ، كۈچۈڭنى خار قىل؛ زامان كەڭرى، راسا ئىشلەپ يوقنى بار قىل.

ئۆزۈڭ ئۈچۈن تىرىش، ئەل ئۈچۈن ئۆل.

ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن.

ئۆزۈمدە تاغارلاپ تۇرسا، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي.

«ئۆزۈمگە» دېسە، ئۆلۈكمۇ تىك قوپار.

ئۆز ئېلىڭ  ئالتۇن بۆشۈك.

ئۆز ئېلىڭدە ئۆتكۈزگەن بىر قىش، يات ئەلدە ئۆتكۈزگەن يۈز باھاردىن ئەلا.

ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە – كۈندۈز غېمىنى يە.

ئۆز ئېلىمنىڭ بېشى بولمىساممۇ، سېيىنىڭ تېشى بولاي.

ئۆزى پەستە تۇرۇپ، ئۆگزىدىكى ئادەمگە پەشۋا ئېتىپتۇ.

ئۆزى تەرگەن تېزەك ئۆزىگە ئالتۇن كۆرۈنۈپتۇ.

ئۆز ئىشىڭنى پۈتتۈرەي دېسەڭ، باشلىقىڭنىڭ دېگىنىنى قىل.

ئۆزى قىلالمايدۇ، قىلغاننى كۆرەلمەيدۇ.

ئۆزىنى ئايىغان سۇلتان، ئايىمىغان ئۇلتاڭ.

ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەس.

ئۆزى ئىزا تارتىدۇ، كۆڭلى غىزا تارتىدۇ.

ئۆز يۇرت  تۇغقان ئانا، ئۆزگە يۇرت  ئۆگەي ئانا.

ئۆستەڭنى يا كەتكۈزمىگەن بىر كەتمەن لاي، جېدەلنىڭ ئالدىنى ئالغان بىر ئېغىز ھاي.

ئۆكۈز بىلەن تەڭ بولىمەن دەپ، پاقا يېرىلىپ كېتىپتۇ.

 

داۋامى بار

بۇ خەۋەر 2213 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2019 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق