ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (10)

خەيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى Instagram Hesabındaki Resim ve Videoları

(10)

 

مۈشۈك گۆشكە بويى يەتمىسە ، روزا تۇتتۇم دەر.

مۈشۈكنىڭ سېزىمى بۇرۇتى بىلەن ، شەيخنىڭ ئاتىقى مۇرىتى بىلەن.

مۈشۈكنى ئۇسسۇلغا سالساڭ ، چاشقان قوغلاپتۇ.

مۈشۈك يوق يەردە چاشقان پادىشاھ بولۇپتۇ.

مېزىنى باسسا ، تېزى چېقىپتۇ.

مېھمان ئاز ئولتۇرار ، كۆپ سىنار.

مېلى ناچار سودىگەر ھەممىدىن بەك ماختار.

مېھمان باردا مۈشۈكنى پەش دېمە.

مېھماندارچىلىقتىن يامانلىساڭ ، مېھمان چاقىرىپ باق.

مېھماندىن سوراپ تۆگە سويغىچە ، سورىمايلا سوغاق سۇ قۇي.

مېھمانغا تار بولغان دوستقا زار بولار.

مېھماننىڭ كېتىشىنى سورىما ، كېلىشىنى سورا.

مېھمان كەلسە ئۆيۈڭگە ، ئۇرۇپ سالما چىنەڭگە.

مېھماننىڭ ئالدىغا قويساڭ ، يېسە - يېمىسە ئۇنىڭ ئىززىتى.

مېھماننىڭ كېلىشى ئۆيۈڭگە بەرىكەت.

مېھمان ئۆز رىسقى بىلەن كېلىدۇ.

مېھمىنىڭ قەدىرلىك بولسا ، قازىنىڭ تېز قاينار.

مېھنەتتە ئالدىدا تۇرغان مىننەتكە قالماس.

مېھنەتتىن قاچما ، مەينەتتىن قاچ.

مېۋىسىز دەرەخ غادىيىپ تۇرىدۇ ، كىشىلەر ئۇنى پۇتاپ تۇرىدۇ ؛ Instagram Hesabındaki Resim ve Videoları ەئېگىەەخۇۇۇ

مېۋىلىك دەرەخكە تاش تېگەر.

مىدىرلىغان قىر ئاشار.

مىس - مىس ئېشەكتىن پۇت ياخشى ، بىلىمسىزدىن بۇت ياخشى.

مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا ، بىر كۆرگەندىن بىر ىگەشلىگەن ئىلا.

مىڭ دوست كۆپلۈك قىلماس ، بىر دۈشمەن ئازلىق.

مىڭ يىل ياشايدىغاندەك تىجارەت قىل ، ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.

مىلتىقسىزغا كىيىك ئۇچراپتۇ.

مىننەتخورنىڭ پوقىنى ئىتمۇ يېمەيدۇ.

مىننىڭت قىلغان ئېشىڭدىن ، قورسىقىمنىڭ ئاچلىقى ياخشى.

مىننەتلىك پولۇدىن ، مىننەتسىز ئۇماچ ياخشى.

نادان بىلەن گەپ تالاشقۇچە ، ئىت بىلەن سۆڭەك تالاش.

نادان بىلەن يۈرمە ، نومۇسۇڭنى تۆكمە.

نادان پادىشاھ كەڭ جاھاننى تار قىلىدۇ ، بىلىملىكنى خار قىلىدۇ.

نادان دوستۇڭدىن زېرەك دۈشمىنىڭ ياخشى.

نادانغا ئات بەرسە ، مىنىپ ئۆلتۈرەر.

نادانغا ئەمەل تەگسە ، ئېغىلغا زەدىۋال تارتىپتۇ.

نادان كىشى ماختانسا ، سىناق ۋاقتىدا مات بولىدۇ.

نادانلىق نامراتلىقنى چىللايدۇ ، ھۇرۇنلۇق مۇشەققەتنى چىللايدۇ.

نادانغا مەنسەپ تەگسە ، ئاۋامغا زەخمەت يېتەر.

ناداننىڭ زىياپىتىدىن دانانىڭ سۆھبىتى ئەلا.

ناشتىلىققا سەل قارىما ، ئۆمرۈڭنى دەپ ؛ دوستلىرىڭدىن ۋاز كەچمە ، نەپسىڭنى دەپ.

نامەردنىڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتكۈچە ، مەردنىڭ دەرياسىدا ئېقىپ ئۆل.

نامرات بولساڭ ، شەھەر قوغلاش.

نامراتقا پۇتلاش تولا.

نامراتنىڭ قولى قىسقا، قەرزدارنىڭ تىلى قىسقا.

نامىم چىقسۇن دېسەڭ ئاناڭنى كۈت، ئۆز يۇرتۇڭنىڭ يۈكىنى يۈد.

نان تۈگەپ قالغاندا ئۇياتلىق مېھمان كېلۇر.

ناۋايغا پۇل بېرىپ، باققالغا قاراپتۇ.

نەپس دېگەن بالادۇر، ئاخىرى ئوتقا سالادۇر.

نەپسىڭنىڭ قۇلى بولماي، ھۈنەرنىڭ قۇلى بول.

نەپسىڭ يامان بولسا، بېشىڭ ئامان بولماس.

نەپسىنى يىغمىغان ئوڭدا قالار.

نەپسى يامان تامىقىدىن ئىلىنار.

نەدە يىقىلساڭ، شۇ يەردىن تۇر.

نەقتىن ھەسەل چىقار، نېسىدىن كېسەل چىقار.

نوپۇزۇڭ بولمىسا، پوپوزاڭ بىكار.

نومۇسسىز تىلەيدۇ، نومۇسلۇق ئىشلەيدۇ.

نومۇسۇڭنى بەرگىچە، جېنىڭنى بەر.

نېسى دەپ، نەقتىن قۇرۇق قاپتۇ.

نېمىدىن قورقساڭ، شۇنىڭغا يولۇقىسەن.

نېمىنى خارلىساڭ، شۇنىڭ قەدرى ئۆتىلەر.

نىيەت قىلساڭ، مەقسەتكە يېتەرسەن.

نىيىتى بۇزۇق باشقىلاردىن ئەيىب ئىزدەيدۇ.

نىيىتىڭ تۈز بولسا، ئالقىش ياغىدۇ.

ھاراق بىلەن دوستلاشتىڭ، ئەقىل بىلەن خۇشلاشتىڭ.

ھاراق زورى بىلەن، گەپ پورى بىلەن.

ھاراققا دۈم چۈشسەڭ بەختىڭ قاچار، پۇلغا دۈم چۈشسەڭ ئەقلىڭ قاچار.

ھاراقكەشتە گەپ تولا، بەڭگىدە خىيال تولا.

ھاراقكەشكە قەرز بەرمە.

ھاراقكەشنىڭ مەردلىكى مەست بولغاندا تۇتار.

ھاراق مەس قىلۇر، ئىشىڭنى تەس قىلۇر.

ھارام بايلىق جانغا جاپا.

ھارام بايلىق قولدا تۇرماس.

ھارام قوشتۇڭ ئېشىڭغا، پىچاق سالدىڭ جېنىڭغا.

ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن سائادەتلىك ئۆلۈم ياخشى.

ھاكاۋۇر غادىيىپتۇ، سارغىيىپتۇ؛ كەمتەر ھاللىنىپتۇ، تاللىنىپتۇ.

ھالالدا بەرىكەت، ھارامدىن نېرى كەت.

ھالۋىنى ھېكىم يەيدۇ، تاياقنى يېتىم يەيدۇ.

ھايات چاغدا ئورا كولاپ قەستلەپتۇ، ئۆلگەن چاغدا مەدھىيە ئوقۇپ ئەسلەپتۇ.

ھاياتلىق  ھەرىكەتتە.

ھاياتىڭنى دو تىك، ئابرۇيىڭنى ساقلا.

ھايالىق ئادەم  باھالىق ئادەم.

ھايۋانغا ھەلەپ كېرەك، ئادەمگە ئەدەپ كېرەك.

ھەر ئادەمدە بىر مىجەز، ھەر كاللىدا بىر دۇنيا.

ھەر بىر ئوڭۇشسىزلىق بىر ئەقىل بېرىدۇ.

ھەرىسىگە چىدىغان ھەسىلىنى يەيدۇ.

ھەر كىشى بولمىسا ھۇرۇن، بولۇر باي ھەممىدىن بۇرۇن.

ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە ، گۈل كۆرۈنەر كۆزىگە.

ھەر كىشى ئۆز غېمىدە ، كور كىشى كۆز غېمىدە.

«ر كىم «چىققان تېغىم ئېگىز» دەيدۇ.

ھەر كىمنىڭ قىممىتى ئۆز قولىدا.

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى.

ھەر كىم ھەر نېمە دەيدۇ ، باشقا كەلمىسە بىلمەيدۇ.

ھەر كىم ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدۇ.

ھەرىدىن قورقمىغان ھەسەل ئالار.

ەرىكەت بەرىكەت ، ھۇرۇندىن نېرى كەت.

 

داۋامى بار

 

 

بۇ خەۋەر 1603 قېتىم كۆرۈلدى
28/06/2019 06:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق