رۇسىيە ئەمەلدارى: رۇسىيە بىلەن خىتاي تەبىئىي گاز لىنىيەسى توختامى ئىمزالايدۇ

رۇسىيە ئالىي ئەمەلدارى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ پات ئارىدا «سىبىرىيە-2» ناملىق تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى توختامى ئىمزالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 17-ماي خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي رۇسىيە-خىتاينى تۇتاشتۇرىدىغان «سىبىرىيە-2» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرى توغرىسىدا ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە توختام ئىمزالايدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خەۋەرنى رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئالېكساندېر نوۋاك ئاشكارىلىغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىدىن سىپاتنىك ئاگېنتلىقى ۋە تاس ئاگېنتلىقى دەلىللىگەن. نوۋاك 16-مايدىكى باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىمزانى يېقىن كەلگۈسىدە تاماملاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالېكساندېر نوۋاك رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ خىتايدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۈرىنىڭ مەسئۇلى ئىكەن. رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئالېكسېي مىلېر خىتايدىكى رۇسىيە زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىكەن.

رۇسىيە بىلەن خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ياتقۇزۇش توغرىسىدا ئۇزۇن يىل سۆھبەتلەشكەن. بۇ تۇرۇبا يىلىغا 50 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە تيۇمېن ئوبلاستىدىكى يامال بولۇپ، موڭغۇلىيە ئارقىلىق خىتايغا تۇتىشىدىكەن.

پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ «يېڭى دەۋر»گە كىرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتقان پۇتىن ھۆكۈمىتى ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئىقتىسادىي كاساتچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ياردىمىگە موھتاج بولۇپ قالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1521 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2024 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق