ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ب د ت نىڭ 74-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا تەكلىپ قىلىندى

ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ب د ت نىڭ 74-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا تەكلىپ قىلىندى
دۈشەنبە ئۇيغۇر ۋەكىللەر ب د ت نىڭ 74-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا دونالد تىرامپنىڭ خىتايغا قارشى نۇتۇقىغا تەكلىپ قىلىندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي مەسلىھەتچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى پەخرىي رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ب د ت نىڭ 74-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.
يىغىندا ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پەنس سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھازىر دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ %80ى ياشاۋاتقان مەملىكەتلەردە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەكلىنىۋاتىدۇ، تەھدىتگە ئۇچراۋاتىدۇ، ھەتتا مەنئىي قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھال يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار، مۇسۇلمانلار ۋە باشقا دىنىي جامائەتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتىدۇ. دىنىي جامائەت ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ چەكلىشىگە، زىيانكەشلىكىگە، ھەتتا ئۆلتۈرۈشىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارغا كىشىنىڭ راستىنلا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئامېرىكا ھەق ۋە ھوقۇقلارنى ھۆكۈمەت ئەمەس، بەلكى خۇدا ئىنسانلارغا بەخش ئېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن دونالد تىرامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققىنىدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى زىيانكەشلىكلەرنى چەكلەش ئۈچۈن بىر قاتار تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، بۇنىڭغا نەچچە يۈز مىليون دوللار پۇل ئاجراتتى. ئەمەلىي مىسال ئالساق، خىتاي كومپارتىيەسى چېركاۋلار ۋە مەسچىتلەرنى چېقىۋاتىدۇ، پوپلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئىنجىلنى مەنئىي قىلىش بىلەن بىرگە، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىدى».

بۇ خەۋەر 1086 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2019 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق