مالايشىيادا 680 خىتاي ئالدامچىلىق بىلەن قولغا ئېلىندى

مالايشىيادا 680 خىتاي ئالدامچىلىق بىلەن قولغا ئېلىندى

دوۋېي تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مالايشىيا 21-نويابىر خىتايلارنىڭ زور كۆلەملىك تېلېفون ئالاقىسى ئالدامچىلىقى شايكىسىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى، 680 خىتاينىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
مالايشىيا دائىرىلىرى بىر ئايغا يېقىن كۆزىتىش ئارقىلىق مەلۇم بىر بىنادا تېلېفون ئالاقىسى ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى تېپىپ چىققان. تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 680 خىتاي قولغا چۈشكەن. نەق مەيداندىن 8000 دىن ئارتۇق يانفون ۋە كومپيۇتېر تېپىلغان. بۇلاردىن سىرت يەنە يۈزدىن ئارتۇق خىتاي قېچىپ كەتكەن.
قولغا چۈشكەنلەرنىڭ خىزمەت ۋىزىسى يوق بولۇپ، ھەممىسىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى، ئالداش نىشانىنىڭمۇ پۈتۈنلەي خىتايلار ئىكەنلىكى، جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى يېرىم يىلدىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قولغا ئېلىنغانلار قانۇنسىز تۇرۇش، قانۇنسىز چېگرا ئاتلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 639 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2019 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق