ئامېرىكا خىتاينىڭ 5G تېخنىكىسىنى خەلقئارادا چەتكە قېقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئامېرىكا خىتاينىڭ 5G تېخنىكىسىنى خەلقئارادا چەتكە قېقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

2-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ۋە جۇڭشىن تېلېگراف شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئازاب چېكىۋاتقان جازا لاگېرى بىلەن ئالاقىسى بار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ 5G تېخنىكىسىنى ئىشلەتمەسلىككە چاقىرىق قىلغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي خىتاينىڭ خۇاۋېي بىلەن جۇڭشىن شىركىتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان جازا لاگېرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، مەزكۇر لاگېرلاردا ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ قامالغانلىقىنى، مەزكۇر ئىككى شىركىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدا ھەسسىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاقساراي يەنە خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن مەخپىي مۇناسىۋىتى بار بولغان خۇاۋېي ۋە جۇڭشىن شىركەتلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنىڭ خەتىرى بار ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكنى چىقىش قىلغان ئاساستا خىتاينىڭ خۇاۋېي، جۇڭشىن شىركىتىدىن يىراق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 490 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2019 17:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق