شەرقىي تۈركىستاندا 5000 مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

شەرقىي تۈركىستاندا 5000 مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار ۋە ئۈچ يىل بۇرۇنقى گوگۇل خەرىتىسىنى ھازىرقى خەرىتىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 5000 دىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىپ بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.
يېقىندا بەھرام قۇربان سىنتاش ئەپەندىنىڭ ئۈچ يىل بۇرۇنقى گوگۇل خەرىتىسى بىلەن بۇ يىللىق خەرىتىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى چېقىۋاتقان مەسچىتلەرنى تېپىپ چىقىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان دىنغا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى چىنايىتىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.
چېقىلغانلىقى ئىسپاتلانغان مەسچىتلەر:
خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى2017-يىلى 2-نويابىر بىلەن 2018-يىلى 11-ماي ئەتراپىدا چېقىلغان.
قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيە ئىچىدىكى مەشھۇر قاغىلىق جامەسى 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست بىلەن 2019-يىلى 10-يانۋار ئارىلىقىدا چېقىلغان.
ۋۇسۇ جامەسى. تارباغاتاي ۋىلايتى ۋۇسۇ ناھىيەسى 2017-يىلى 20-سېنتەبىر بىلەن 2018-يىلى 6-ماي ئارىلىقىدا چېقىلغان.
ئاقسۇ شەھىرى يېڭى بازار مەسچىتىنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرى 2017-يىلى 8-سىنتەبىر بىلەن 2018-يىلى 15-فېۋرال ئارىلىقىدا ئېلىۋېتىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى داۋان مەسچىتى 2018-يىلى 9-مارت بىلەن 2018-يىلى 3-ماي ئارىلىقىدا چېقىلغان.
ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى مەسچىتى (دەريا بۇيى مەسچىتى ) 2017-يىلى 7-ئىيۇل بىلەن 2017-يىلى 12-ئىيۇل ئارىلىقىدا چېقىلغان.
ئۈرۈمچى شەھىرى سەنشىخاڭزا مەسچىتى 2018-يىلى 14-ئاپرېل بىلەن 2018-يىلى 15-ماي ئارىلىقىدا چېقىلغان.
دۆربىلجىن مەسچىتى. تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسى2017-يىلى 12-ئۆكتەبىر بىلەن 2018-يىلى 12-ماي ئارىلىقىدا چېقىلغان
غۇلجا شەھىرى ئىتتىپاق يولى مەسچىتى 2017-يىلى 24-نويابىر بىلەن 2018-يىلى 10-مارت ئارىلىقىدا چېقىلغان.
غۇلجا شەھىرى دوڭلىياڭ مەسچىتى 2017-يىلى 22-ئۆكتەبىر بىلەن 2018-يىلى 24-نويابىر ئارىلىقىدا چېقىلغان.
قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى مايتاغ جامەسى 2017-يىلى 20-ئۆكتەبىر بىلەن 2018-يىلى 5-ئىيۇل ئارىلىقىدا چېقىلغان.
قاراماي شەھىرى قاراماي غەربىي رايون نىفىتلىك مەسچىتىنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرى 2017-يىلى 10-ئاۋغۇست بىلەن 2018-يىلى 23-ئىيۇن ئارىلىقىدا ئېلىۋېتىلگەن.
قاراماي شەھىرى قىزىل بايراق يولى مەسچىتىنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرى 2017-يىلى 10-ئاغۇست بىلەن 2018-يىلى 23-ئىيۇن ئارىلىقىدا ئېلىۋېتىلگەن.
كورلا شەھىرى كورلا ئاق مەسچىتى 2017-يىلى 5-نويابىر بىلەن 2017-يىلى 13-دىكابىر ئارىلىقىدا چېقىلغان.
كورلا شەھىرى تۆۋەنكى دەرۋازا مەسچىتى 2018-يىلى 8-ماي بىلەن 2018-يىلى 8-ئاۋغۇست ئارىلىقىدا چېقىلغان.
كورلا شەھىرى كورلا جامە مەسچىتىنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرى 2018-يىلى 12-مارت بىلەن 2018-يىلى 22-مارت ئارىلىقىدا ئېلىۋېتىلگەن.
ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى يۇقىرىقى خۇنخەي مەسچىتى 2018-يىلى 15-مارت بىلەن 2018-يىلى 14-ئاۋغۇست ئارىلىقىدا چېقىلغان.
تۇرپان شەھرى باغرى كەنت مەسچىتى 2018-يىلى 8-يانۋار بىلەن 2018-يىلى 7-ئاپرېل ئارىلىقىدا چېقىلغان.

قومۇل شەھىرى قومۇل مەسچىتىنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرى 2018-يىلى 14-نويابىر بىلەن 2018-يىلى 29-يانۋار ئارىلىقىدا ئېلىۋېتىلگەن.

خەۋەرنىڭ مەنبەسى:

https://www.uyghurism.com/culturalgenocide

 

بۇ خەۋەر 1666 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2019 18:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق