بېنگاللىق يۇتۇبىر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

بېنگاللىق بىر يۇتۇبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خەلقئارادا كۈچەپ قىلىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىدى.

«ئىسلامىي ھايات پىروگراممىسى» ناملىق يۇتۇب قانىلى ئاچقان بىر بېنگاللىق يۇتۇبىر يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە قىسقا بىر ۋىدىيو ھەمبەھرىلىگەن. مەزكۇر ۋىدىيوغا «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى نېمە ئۈچۈن سالامغا جاۋاب قايتۇرۇشنى خالىمايدۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ زىيارەت داۋامىدا كوچا، دۇكانلاردىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر زىيارىتى ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش، بارلىق ئىبادەتلەرنى چەكلەش، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىن مۇسۇلمانچە سالام-سائەت قىلىشتەك ئەقەللىي قائىدىنى يوقىتىشتەك جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر يۇتۇبىر ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ كوچىلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان. بۇ جەريانىدا ئۇچراتقان ئۇيغۇرلارغا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر نەچچىسىلا ئەندىشە، ئىككىلىنىش كەيپىياتىدا «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما كۆپىنچە ئۇيغۇرلار «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى رەت قىلغان ياكى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەن سالامغا «ياخشى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

يۇتۇبىر بىر ئاشخانىغا كىرىپ، بىر ئۇيغۇر ئاشپەزنىڭ ئىسمىنى سورىغان. ئارقىدىن: «سىز مۇسۇلمانمۇ؟» دەپ سورىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاشپەز ئەنسىرىگەندەك تۆۋەن ئاۋازدا: «ھەئە، مەن مۇسۇلمان» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئارقىدىن يۇتۇبىر ئۇنىڭغا: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ» دەپ سالام قىلغان. سالامنى ئاڭلىغان ئاشپەز ئاڭلىسا بولمايدىغان، دېيىشكە بولمايدىغان سۆزنى ئاڭلاپ قالغاندەك چىراي ئىپادىسى بىلەن تۇرۇپ قالغان. بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان (ئاشخانىنىڭ خوجايىنى بولسا كېرەك) ئۇيغۇر ئايال قول ئىشارىتى بىلەن جاۋاب بەرمە، دەپ ئىما قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاشپەز يۇتۇبىرنىڭ سالامىنى جاۋابسىز قالدۇرغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى تارقالغان دەلىل-ئىسپاتلار، گۇۋاھلىقلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بېرىشنىمۇ چەكلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىكى رىياسەتچى، دىكتورلارمۇ بۇرۇن پىروگراممىلىرىنى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ باشلىغان بولسا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇنىڭ ئورنىغا «ياخشىمۇسىلەر» دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرغان.

شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى سەۋەبلىك ئىزچىل تۈردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان خىتاي رېجىمى ھەرخىل يالغان تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنىڭ بوياش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، قىرغىن قىلىنىۋاتقان غەززە خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى مەككارلارچە دەۋا قىلماقتا.

ھالبۇكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش، سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق ناملاردا 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتكەن ياكى ۋەيران قىلغان. قىسمەن مەسچىتلەرنى مەيخانا، چايخانا ياكى ساياھەت ئورنىغا ئۆزگەرگەن. پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم مەسچىتلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە قالدۇرۇپ قويۇلغان. خىتاي بارلىق ئۆلىمالارنى تۇتقۇن قىلغاندىن باشقا، ئازراقلا دىنىي، مىللىي تۇيغۇلىرىغا ئىگە بولغانلىكى كىشىلەرنى مىليونلاپ جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قامىغان.

خىتاي نۆۋەتتە غايەت زور خىراجەت ئاجرىتىپ، چەت ئەللىك بىر قىسىم تور مەشھۇرلىرىنى ياللاپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ساياھەت ۋىدىيولىرى تارقىتىپ كەلمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ھالبۇكى، تارقىلىۋاتقان ئاز بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر خىتاينىڭ قاتتىق يوشۇرۇۋاتقان جىنايەتلىرىنى پاش قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2623 قېتىم كۆرۈلدى
15/05/2024 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق