خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 50كە يەتتى

خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 50كە يەتتى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا كوللېكتىپ خەت يوللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 50كە يەتكەن.
بۇ ئاينىڭ بېشىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەزا 22 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن بولۇپ، نەچچە كۈندىن كېيىن رۇسىيە، كۇبا، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 37 دۆلەت بۇنىڭغا قارشى بىرلىكتە ب د ت غا خەت يوللاپ، خىتاي تەرەپتە تۇرغان ئىدى.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 50كە يەتكەن. مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا تاراتقۇلار كۆرسەتكەندەك زۇلۇم يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئاتالمىش تېررورلۇققا ۋە رادىكاللىققا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەنبە:http://news.cri.cn/20190728/187d753a-d48d-b7fd-f502-d9ea2164a5b3.html

بۇ خەۋەر 903 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2019 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق