ئۈرۈمچىدە ئورگان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ 24 مىڭدىن ئاشقانلىقى دىققەت قوزغىدى

خىتاينىڭ نەچچە يىلدىن بېرى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ھەرخىل ۋاسىتىلار بىلەن مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش، مەخسۇس تىجارەت لىنىيەسى قۇرۇپ چىقىش جىنايىتى خەلقئارادا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئورگان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ 24 مىڭدىن ئاشقانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە خەۋەر تارقىتىشى دىققەت قوزغىماقتا.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26-مارت ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «ھاياتلىق. مەدھىيە» ناملىق 2024-يىللىق جەسەت (كۆز مۈڭگۈز پەردىسى)، ئىچكى ئەزا تەقدىم قىلىشنى ئەسلەش، خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

خەۋەردە ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2336 كىشىنىڭ پىدائىي بولۇپ جەسىتىنى تەقدىم قىلىشنى تىزىمغا ئالدۇرغانلىقى، 562 كىشىنىڭ جەسىتىنى تەقدىم قىلىشنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقى، كۆز مۈڭگۈز پەردىسى تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ 650 كىشى، رەسمىي تەقدىم قىلغانلارنىڭ 173 كىشى ئىكەنلىكى، ئىچكى ئەزاسىنى تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ 24 مىڭ 807 گە يەتكەنلىكى، 114 كىشىنىڭ ئاللىبۇرۇن تەقدىم قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ھەرخىل ۋاسىتىلار بىلەن مەجبۇرىي ئېلىۋېلىپ، مەخسۇس تىجارەت لىنىيەسى قۇرۇپ چىققانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك خەۋەر ۋە دوكلاتلار ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى 2020-يىلى قىسمەن دوختۇرخانىلارنىڭ چەت ئەللىك مۇسۇلمانلارنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىش ئوبيېكتى قىلغانلىقىغا ئاساسەن، بۇ دوختۇرخانىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى «ھالال ئورگان» تىجارىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدىكى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەلقئارالىق تاراتقۇلار خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىنىپ، مەخپىي سېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە خەلق سوتى 2019-يىلى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىپ، زور كۆلەملىك ئورگان سودىسى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىچكى ئەزا تەقدىم قىلغۇچىلار ھەققىدىكى مەخسۇس تەشۋىقاتىنىڭ گۇمان قوزغايدىغانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىماي كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق مەخپىي داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئەزا سودىسىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە داۋاملىق كېڭەيتىشىنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3603 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2024 12:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق