خىتاي باياناتچىسى: ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئويدۇرۇلغان

خىتاي باياناتچىسى: ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئويدۇرۇلغان

بىرلەشمە خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 26-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىغا ئالاقىدار يېڭىدىن ئاشكارىلانغان ئىچكى ھۆججەتلەرنى ئىنكار قىلغان.
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى (ICIJ) خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى بىر تۈركۈم ھۆججەتنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتلەردە جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلار كۆرسىتىپ بېرىلگەن. خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى قايتىدىن تاراتقۇلارنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلىنىپ، خىتايغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھۆججەتلەرنى ئوخشاشلا يالغانغا چىقارغان بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قەستەن پىتنە-ئىغۋا تارقىتىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان. خىتاي باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ئىچكى ھۆججەتلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كونا پەدىسى بويىچە خىتاينىڭ ئاتالمىش ئاپتونۇم رايوننى قانداق تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى جار سالغان.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارىلانغان ئىچكى ھۆججەتلەرنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھۆججەتلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈشتە مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن.

بۇ خەۋەر 37536 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2019 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق