نورۋېگىيەدىكى قۇرئان كۆيدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

نورۋېگىيەدىكى قۇرئان كۆيدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

24-نويابىر خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاشقۇن ئوڭچىل ئىدىيەدىكى «نورۋېگىيەنىڭ ئىسلاملىشىشىنى توختىتىڭلار» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى لارس تورسېننىڭ قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
خەۋەردە نورۋېگىيەنىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ مىنىستىرلىككە چاقىرتىلىپ، قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى، بۇ خىل قىلمىشلارنى پىكىر ئەركىنلىكى دېگەن نام ئاستىدا يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە بولمايدىغانلىقى، بۇ قىلمىشنىڭ پاكىستانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مىليارد 300 مىليون مۇسۇلماننىڭ دىلىنى رەنجىتكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى، نورۋېگىيە دائىرىلىرىدىن ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشىنى، شۇنداقلا كەلگۈسىدە بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە يەنە پاكىستاننىڭ ئوسلودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە ئىسلامئاباد دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈشى ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، گەرچە پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق قۇرئان كۆيدۈرۈش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چېقىپ، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈپ، مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرىغا قاماپ خورلاۋاتقان خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى، قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

بۇ خەۋەر 37265 قېتىم كۆرۈلدى
25/11/2019 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق