ئۆمەر روزى ھاجىم ئائىلىسىدىكى 28 كىشى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى

ئۆمەر روزى ھاجىم ئائىلىسىدىكى 28 كىشى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى
ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۆمەر روزى ھاجىم خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن ئائىلىسىدىكى 28 كىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
ئۆمەر ھاجىمنىڭ بىر ئاكىسى ۋە ئاچىسى خىتاي دائىرىلىرى قاتتىق تەشۋىق قىلىپ بېجىرىپ بەرگەن قانۇنلۇق پاسپورتى ئارقىلىق تۈركىيەگە ئون كۈنلۈك ساياھەتكە چىققان بولۇپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە دۇكانلىرى چېقىپ تۈزلىۋېتىلگەن.
بۇنىڭدىن سىرت ئۆمەر ھاجىمنىڭ بىر روھىي كېسەل ئىنىسى ۋە يەنە بىر مېيىپ ئىنىسىمۇ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلالمىغان. بۇلاردىن سىرت ئۇنىڭ يەنە قالغان ئىككى ئىنىسىنىڭمۇ ئىز-دېرىكى بولمىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن ئائىلە بويىچە ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلگەن بولۇپ، قورۇ-جايلىرى ۋە دۇكانلىرى بىردەك تۈزلىۋېتىلگەن.
بۇندىن باشقا ئۆمەر ھاجىمنىڭ بىر نەچچە نەۋرە تۇغقانلىرىمۇ گۇناھسىز ھالەتتە يەتتە يىللىق ۋە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان خىتاينىڭ رەھىمسىزلەرچە تۇتقۇن قىلىشى ھەرىكىتىدە مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئائىلەر ۋەيران بولغان بولۇپ، ھەتتا بالىلار، ياشانغانلار ۋە ئاجىز-مېيىپلارمۇ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلالمىغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ سۆزلىرى بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە پىدائىيلار تەرىپىدىن توپلىنىپ، ئارخىپلاشتۇرۇلماقتا.

بۇ خەۋەر 793 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2019 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق