ئامېرىكا خىتاينىڭ 28 ئورگىنىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا خىتاينىڭ 28 ئورگىنىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشقا ياردەملەشكەن 28 خىتاي خەۋپسىزلىك ئورگىنى ۋە شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە سودا مىنستىرلىكىنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش ھۆججىتىگە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت خەۋپسىزلىك ئىدارسى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىدىكى 19 قولچوماق ئورگىنى، خەيكاڭ، داخۇا، كېدا شاڭتاڭ قاتارلىق سەككىز سودا شىركىتىنىڭ بارلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزكۇر قولچوماق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا ياردەملەشكەنلىكى، چىراي تونۇش ۋە كىملىك تونۇش سىستېمىسى ياساش ۋە ياردەملىشىش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ مەزكۇر قورچاق ئورگانلىرىنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىسنىستىرلىكىنىڭ قارارى بۇ ھەپتە خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سودا سۆھبىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بولمىغان ئەھۋالدا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركىتى ۋە ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن سودا ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدىكەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە سودا مىنسىتىرلىكى خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى ئېچىنىشلىق باستۇرۇشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 663 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2019 16:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق