ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت كۆرگەزمە پائالىيىتى 2- كۈنىگە قەدەم قويدى

ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت كۆرگەزمە پائالىيىتى 2- كۈنىگە قەدەم قويدى
دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۇرۇنقى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومى مەيدانىدا باشلانغان 4-قېتىملىق دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمى 2- كۈنىگە قەدەم قويدى.


كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مەخسۇس ئورۇن تۇتۇپ كەپە ئۆيلەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىيم –كېچەك مەدەنىيىتى، ئۆي بىسات مەدەنىيىتى، كەشتە ۋە نەقىشچىلىك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوڭ – كىچىك ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلىرى تىزىلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ژورنال ۋە تەشۋىقات ۋاراقىلىرى تارقىتىلدى.
بۇ پائالىيەتكە تۈرك دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 900 دىن كۆپ ماھىر قاتناشقان بولۇپ، چېلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرىدە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ تاماق، كېيىم – كېچەك مەدەنىيىتىدىن باشقا ھەرخىل مىللىي ئويۇنلىرى ئوينالماقتا. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئورنىنى نۇرغۇنلىغان مەشھۇر سەخسلەر، دۆلەت ئەربابلىرى زىيارەت قىلماقتا.
بۇ پائالىيەت 6-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بارلىق خەلقىمىزنى پۇرسەن چىڭ تۇتۇپ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

https://www.ntv.com.tr/video/spor/4-etnospor-kultur-festivali-3-6-ekimde,eIPoLjvsA0-b-bNJAhzvuQ

 

 

بۇ خەۋەر 858 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2019 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق