تۈركىيەدە «رامىزاننىڭ 15-كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيەدە «رامىزاننىڭ 15-كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

22-ماي ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى تەرىپىدىن يېتىم بالىلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «رامىزاننىڭ 15-كۈنى» پائالىيىتى ئاخىرلاشتى.
پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستانغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تەكلىپ بىلەن بىر نەچچە ئۆسمۈرنى قاتاشتۇردى.
پائالىيەت 19-ماي (رامىزاننىڭ 15-كۈنى) تۈركىيەنىڭ سۇلتان غازىدا باشلىنىپ، 22-مايغىچە داۋام قىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە سۇرىيە، ئالجىرىيە، قىرغىزىستان قاتارلىق 13 دۆلەتتىن كەلگەن يېتىملەر قاتناشتى.
شەرقىي تۈركىستانغا ۋاكالىتەن پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر تۆت كۈنلۈك پائالىيەت داۋامىدا مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا-ئانىسى خىتاي تەرىپىدىن تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولىنىپ، نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئىگە-چاقىسىز، يېتىم بولۇپ قالغانلىقىنى، بىر قىسىم بالىلارنىڭ لاگېرىدا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەسلى ئاتا-ئانىسى بىلەن ياشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر پائالىيەت ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل تۆتىنچى قېتىملىقى ئىكەن.

 

بۇ خەۋەر 1183 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2019 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق