ئانتاركتىكادا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رىقابىتى كۈچەيمەكتە

ئانتاركتىكا قىتئەسىدە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ رىقابىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشكەن بولۇپ، خىتاي، ئىران ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ جايدىكى زېمىن تەلىپىنى ئويلىشىشقا باشلىغان.

تاشقى ئىشلار تورنىڭ 18-مارتتىكى ئانالىز ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئانتاركتىكا قىتئەسىنىڭ ئورنى يەرشارى ئالاقىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، بۇ جايدىكى مىنېرال ماددىلار، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلار مول ئىكەن. ئانتاركتىكادا ھەربىي توقۇنۇش بولمايدۇ، دېيىش خاتا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر چوقۇم ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك ئىكەن. بايلىق رىقابىتىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەر ئانتاركتىكادىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن.

«ئانتاركتىكا شەرتنامىسى» ھەربىي ھەرىكەتنى چەكلەپ، ئىلمىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، جەنۇبىي قۇتۇپنى بىتەرەپ خەلقئارالىق ئورۇنغا ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولسىمۇ، نۆۋەتتە شەرتنامە بېسىمغا دۇچ كەلگەن، ئىجرا قىلىش مېخانىزمىمۇ ئەندىشە تۇغدۇرغان. بەزى دۆلەتلەر شەرتنامىدىكى مۈجمەل نۇقتىلاردىن پايدىلىنىپ، جازادىن قاچىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن رۇسىيە پۇقراۋى ھەرىكەتلەر بىلەن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى پەردازلىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي قۇتۇپ شەرتنامىسى سىستېمىسى نەچچە ئون يىل مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇقىملىقنى ساقلاپ كەلگەن، ئەمما چوڭ كۈچ رىقابىتىنىڭ قايتا كۈچىيىشى يېڭىدىن مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغان. خىتاينىڭ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىقتىدارى، شۇنداقلا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن ھەربىي پائالىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈشتەك كۆز بويامچىلىقى بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتكەن.

ماقالىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە چوقۇم خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى، قۇتۇپ تەتقىقات ساھەسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي قۇتۇپ ساياھىتىنىڭ مۇھىتقا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن مەغلۇپ بولغان شەرتنامە تۈزۈمىنىڭ ئورتاق خەۋپىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1277 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2024 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق