تەشكىلاتلار بىرلىكى مىللىي ئىرادە مۇنبىرىنىڭ ئىپتارلىق پائالىيىتىگە قاتناشتى

مىللىي ئىرادە مۇنبىرى 17-مارت ئىستانبۇلدا «قەدىناس دوستلار ئىپتارلىق پائالىيىتى» ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يىغىلىشقا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغانمۇ قاتنىشىپ، سۆز قىلدى.

پائالىيەتكە مىللىي ئىرادە مۇنبىرىگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى، مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى قاتناشتى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەزا تەشكىلاتلىرىدىن بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى مىللىي ئىرادە مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بولۇپ، مۇنبەرنىڭ بارلىق پائالىيەت، ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇ جەرياندا تۈرلۈك پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 3412 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2024 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق