خىتاي رېجىمى شىركەتلەردىن خىتاي ئۆزەكلىرىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى خىتاي ماشىنا شىركەتلىرىدىن ئىمكانقەدەر خىتاي ئىچىدە ئىشلەنگەن ئۆزەكلەرنى كۆپ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل خىتاي رېجىمى BYD ۋە جېلى قاتارلىق توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى خىتاي شىركەتلىرىدىن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماشىنا ئۆزەكلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق بىر تەرەپتىن غەربتىن ئىمپورت قىلىنغان ئۆزەكلەرگە تايىنىشنى ئازايتىشقا ئۇرۇنغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئارقىلىق خىتاي ئىچىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشقان.

بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقى 15-مارت مەنبەلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇ يىل ھۆججەت تارقىتىپ، خىتاي ئېلېكتىر موتورلۇق شىركەتلىرىنىڭ يەرلىك ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلارنى سېتىۋېلىشنى كېڭەيتىپ، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكنى ئىشلىتىشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسلىدە غەيرىي رەسمىي نىشانى بار بولۇپ، خىتاي ماشىنا شىركەتلىرىدىن 2025-يىلىغىچە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆزەكنى سېتىۋېلىش نىسبىتىنى بەشتىن بىرگە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ھازىر بۇ ئىلگىرىلەشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان.

بۇ ئىشنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان مەنبەلەرنىڭ بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ھازىر خىتاي ماشىنا شىركەتلىرىگە ئىمكانقەدەر ئىمپورت قىلىنغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشقا بىۋاسىتە بۇيرۇق قىلغان. مەنبەلەردىن يەنە بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ چەت ئەلدىكى ئۆزەك شىركەتلىرىنىڭ ئۆزەكلىرىنى خىتاينىڭ يەرلىك شىركەتلىرى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاينىڭ  تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچى ماشىنا شىركەتلىرىدىن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆزەكلەرنى ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىشى ئەمەس ئىكەن. ياپونىيە يۇمىئۇرى گېزىتى بۇلتۇر 9-ئايدا بۇ توغرۇلۇق خەۋەر ئىشلىگەن بولۇپ، ئىچكى ھۆججەتلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى خىتايدىكى توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا خىتاي ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى بۇيرۇغان. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي بۇ خىل تەدبىر ئارقىلىق ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان زاپچاسلارنى خىتاي بازىرىدىن چىقىرىۋېتىشنى ئويلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1756 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2024 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق