ب د ت دىكى مۇتەخەسسىسلەردىن خىتايغا كۈتۈلمىگەن تەنقىد كەلدى

ب د ت دىكى مۇتەخەسسىسلەردىن خىتايغا كۈتۈلمىگەن تەنقىد كەلدى
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 14-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئاينىڭ بېشىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا قارىتا بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.
جىمجىت ئېلان قىلىنغان بۇ باھالاش دوكلاتىدا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
باھالاش دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىمۇ تېررورلۇق قاتارىدا باستۇرغانلىقى، خەلقنى ھېچقانداق سوتلىماستىنلا زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغانلىقى، بىئولوگىيەلىك مەلۇماتلىرىنى توپلىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ خەلقئارالىق قانۇن-تۈزۈملەرگە خىلاپ ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنىڭ تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە ب د ت دىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ باھا دوكلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا خەلقئارالىق نارازىلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ يېڭى بىر بېسىمغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

بۇ خەۋەر 744 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2019 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق