خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەن لىنجېڭ يۆئې شى جىنپىڭنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى

خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەن لىنجېڭ يۆئې شى جىنپىڭنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى

دوۋېي تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتى باشلىقى لىنجېڭ يۆئې 4-نويابىر شاڭخەيدە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.
ئۇچرىشىشتا لىنجېڭ يۆئې خوڭكوڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە قىلغان خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەرگەن. شى جىنپىڭ بولسا ئۇنىڭ بەش ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان خوڭكوڭ نامايىشى جەريانىدا ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
خوڭكوڭدىكى نامايىشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، پۇقرالارنىڭ لىنجېڭ يۆئېنى قوللاش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن. خەلقئارالىق تاراتقۇلار ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى ياكى ئالماشتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋە خىتاي دائىرلىرى بۇ قاراشنى رەت قىلىپ كەلگەن.
بۇ خوڭكوڭ نامايىشى باشلانغاندىن بۇيان لىنجېڭ يۆئېنىڭ تۇنجى قېتىم شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 698 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2019 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق