خوجا ئەھمەد يەسەۋىي ۋەقفى يېڭى بىنادا ئىش باشلىدى

خوجا ئەھمەد يەسەۋىي ۋەقفى يېڭى بىنادا ئىش باشلىدى
26-ئۆكتەبىر خوجا ئەھمەد يەسەۋىي ئىلىم ۋە ئىرپان ۋەقفى يېڭى بىنادا ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
مۇراسىمغا خەلق ۋەكىللىرى، تۈركىيەنىڭ سابىق تەنتەربىيە ۋە ياشلار بۆلۈمى رەئىسى، پارتىيە رەئىسلىرى، تەشكىلاتلار بىرلىكلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىلياس ساقا ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمدا خوجا ئەھمەد يەسەۋىي ۋەقفىنىڭ تۈركىستاندىن موڭغۇلىيەگىچە بولغان تېررىتورىيەدىكى خەلقنى زامانىۋى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇشقا ئاساس سېلىش ئۈچۈن قىلغان ئاقارتىش خىزمەتلىرى خۇلاسە قىلىنىش بىلەن بىرگە، بۇندىن كېيىنكى مائارىپ خىزمىتى پىلانلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

بۇ خەۋەر 1172 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2019 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق