مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: ئىسلام دۈشمىنى، كۆچمەن دۈشمىنى...


22-مارت ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جىددىي يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ : «ئىسلام دۈشمىنى، چەت ئەللىك دۈشمىنى، كۆچمەن دۈشمىنى كۈچەيمەكتە» دېگەن.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يېڭى زېللاندىيەدىكى ئىككى جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇم، مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلالماسلىققا قارشى كۈرەش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «ھېچبىر دىن ۋە ئېتىقادنى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق بىلەن باغلاپ ئىزاھلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، تىنچلىقنىڭ ئىسلامنىڭ ئىسمى ۋە مەركىزىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى، بارلىق ئۆچمەنلىك تۇغدۇرغۇچى سۆزلەرگە ۋە بۇ سۆزلەر نورماللاشتۇرغان زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا بولغان نارازىلىقنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، كۈچىيىپ كەتكەن ئىرقچى تېررورلۇقنىڭ ئىزلىرىنى كۆزەتكىنىمىزدە ئىسلام دۈشمىنى، چەت ئەللىك دۈشمىنى، كۆچمەن دۈشمىنى بولغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ۋە بۇلارنى تارقىتىۋاتقان سىياسەتچىلەرنىڭ، ھەتتا تاراتقۇلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 4523 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2019 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق