خىتاي شامىلى تۈرك خەلقنى غەزەبلەندۈردى

خىتاي شامىلى تۈرك خەلقنى غەزەبلەندۈردى
5- ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدىكى بىر قسىم ترامۋاي بېكەتلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ خىتايچە يېزىلىشى تۈركىيە خەلقى ۋە مۇخالىپەتچى پارىيەلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى
ئىستانبۇل شەھىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدا دوستلۇق كېلىشى تۇزۈلگەن بولۇپ، دوستلۇق كېلىشىمىگە ئاساسەن ئسىتانبۇلنىڭ ئاقسارايدىكى بىر قسىم بېكەتلەرنىڭ ئىسىمىنى خىتايچە يېزىشقا باشلىغان. تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان تەشىكىلاتلار بىرلىكى رەئسى ھىدايتۇللا ئوغۇزخان ھەمدە باشقا پائالىيەتچىلەر ئۆزىنىڭ فەيسبۇك تىۋېتتىر، ئىنسىتگرام سەھىپىلىرىدە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ قارشلىق بىلدۈرۈش نەتىجىسدە تۈركىيەدىكى مۇخالىپەتچى پارتىيەدىن باشلاپ تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى.
ئىيى پارتىيەنىڭ رەسمى تىۋىتتر سەھىپىىسدە خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تىلىنى، دىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكلەۋاتقاندا، ئستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتايچە ۋىۋىسكا ئېسىشىنى چۈشىنەلمەي قالدۇق. ياكى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى بېكەتلەرنىڭ ئىسمى تۈركچە يېزىلىۋاتامدۇ؟ ياكى بولمىسا ئسىتانبۇلغا خىتاي ساياھەتچىلەر تۆكۈلۈپ كېتىپ، ھېچكىمنىڭ خەۋىرى بولماي قالدىمۇ؟ دېگەندەك تەنە گەپلەر بىلەن بۇ ئىجرائاتنى ئەيىبلىدى.
سائادەت پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئسى ئابدۇللاھ سېۋىم ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىستانبۇل بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق كېلىشىمدە ئىستانبۇلدىكى بېكەتلەرنىڭ ئىسمىنى خىتايچە يېزىشقا ئالاقىدار مەزمۇن بارمىتتى؟ ئەگەر شۇنداق بىر مەزمۇن بولۇپ قالسا بۇ كېلىشىم شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ قەلبىنى زىدە قىلىدۇ تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋىژدانىنى ئازابلايدۇ. بىزنىڭ بۇ كېلىشىمنى قۇبۇل قىلىشىمىز ئەسلە مۇمكىن ئەمەس » دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدىكى داڭلىق مىللىيەت گېزىتى، خەۋەر يەتتە تورى، ھازىرقى خەۋەرلەر تورى، سىنۇتۈرك نىيۇز تورى oda tv، قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە خەۋەر ۋە مۇلاھىز ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئىجىتمائيي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا قارشى باياناتلار ئوتتۇرىغا چىقىش نەتىجىسىدە خىتايچە يېزىلغان بېكەت بەلگىلىرى ئېلىپ تاشلاندى ھەتتا خىتايچە بېكەت ئىسىملىرىنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە شەرقىي تۈركستاندىكى لاگېرلارنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىلدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدىكى خىتاي شامىلىغا قارشى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار مۇنبىرى « ئىستانبۇل كوچىلىرىكى خىتاي يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ تۈرك تىلىغا ئىگە بولايلى» تېمىسىدا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىدى ۋە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ ئىمزا قىلىشى ھەمدە باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېيلىدى.

ئىمزا پائالىيىتىنىڭ ئادرىسى:

https://www.change.org/p/istanbul-b%C3%BCy%C3%BCk%C5%9Fehir-belediyesi-istanbul-sokaklar%C4%B1ndan-%C3%A7in-yaz%C4%B1lar%C4%B1-kald%C4%B1r%C4%B1ls%C4%B1n-t%C3%BCrk%C3%A7eye-sahip-%C3%A7%C4%B1kal%C4%B1m?recruiter=86549829&utm_source=share_petition&utm_medium=facebook&utm_campaign=share_petition&utm_term=87c48cd018074d4a87e3a883e333325b&recruited_by_id=7debd9c9-1496-4c67-bc7d-e3085e2f66f6&utm_content=starter_fb_share_content_tr-tr%3Av1&use_react=false

بۇ خەۋەر 994 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2019 17:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق