خىتاي چەتئەلدىكى يالغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي چەتئەلدىكى يالغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە

بۈيۈك دەۋر تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىر تەرەپتىن ئۆز ئىچىدە يالغان تەشۋىقاتلار ئارقىلىق خوڭكوڭ نامايىشىنى قارىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق چەتئەل تاراتقۇلىرىدىمۇ بۇ تەشۋىقاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتماقچى بولغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 21-ئاۋغۇست ۋول كوچىسى گېزىتى، رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ باش مۇھەررىرلىرىگە خوڭكوڭ نامايىشى ھەققىدە 43 بەتلىك ھۆججەت يوللىغان.
ھۆججەتتە نامايىشچى خەلق «توپىلاڭچى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى كۆپ ئىشلىتىدىغان «چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى» دېگەندەك ئىبارىلەر قوللىنىلغان، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى تورى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قىلمىشىدىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىگىچە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ توختىماي ئۆزىنى ئاقلاپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بۇرمىلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋسترالىيە خەۋەر تورىنىڭ 19-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ماقالىدىمۇ خىتاينىڭ ھەردائىم ئېھتىياجىغا قاراپ يالغان خەۋەر توقۇيدىغانلىقى، تاراتقۇلار ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا مىللەتچىلىك كەيپىياتى قوزغاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي يەنە زور تۈركۈمدىكى ياللانما ھېساباتلار ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، خوڭكوڭ نامايىشىنى قالايمىقان قىلماقچى بولغان. بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن فېيسبۇك ۋە تىۋىتتېر بۇنىڭغا ئالاقىدار 200 مىڭدىن ئارتۇق ھېساباتنى تاقىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 823 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2019 18:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق