خوڭكوڭدا يەنە بىر قېتىملىك مىليون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خوڭكوڭدا يەنە بىر قېتىملىك مىليون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈنۈگۈن (18-ئاۋغۇست) خوڭكوڭدا يەنە بىر قېتىملىك كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچەيگەن. تۈنۈگۈن خوڭكوڭ خەلقى خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىگە قارشى مىليون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جەمئىي بىر مىليون 700 مىڭ كىشى نامايىشقا قاتناشقان. بۇ 6-ئايدىن بۇيانقى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قېتىملىق مىليون كىشىلىك نامايىش ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ باش تېمىسى «ساقچىلار بىلەن قارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىشىۋېلىشىنى توختىتىش، بەش چوڭ تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» بولۇپ، ئىككى يېرىم سائەتلىك نامايىش تىنچ يوسۇندا داۋاملاشقان.
نامايىشچىلار خوڭكوڭ خەلقىنىڭ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ۋە خوڭكوڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن يەتكۈچە ھاقارەتلەنگەنلىكىنى، خىتايچە باستۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ خوڭكوڭ خەلقىگىمۇ قوللىنىلىشقا باشلىغانلىقىنى، خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان نامايىشچىلارنى ھاقارەتلەپ «سۈۋەرەك» دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىست گېرمانىيەنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
بۇندىن بىر كۈن بۇرۇن خوڭكوڭدىكى خىتاي تەرەپدارلىرى يىغىلىپ، ساقچىلارنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇ نامايىشقا 500 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما نامايىشچىلارنىڭ سانى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 5261 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2019 10:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق