خىتاي «سۈنئىي ئەقىل سودىيەسى»نى ئىشقا كىرىشتۈردى

خىتاي «سۈنئىي ئەقىل سودىيەسى»نى ئىشقا كىرىشتۈردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا جىنايى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن «سۈنئىي ئەقىل سودىيەسى» خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
خەۋەردە بېيجىڭدىكى ئىنتېرنېت سوت مەھكىمىسىگە قاراشلىق تور مۇلازىمىتى دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى ئەرز سۇنۇش ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى قانۇنىي رەسمىيەتلەردە قارار چىقىرىش ئىشلىرىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن «سۈنئىي ئەقىل سودىيەسى»(AI Judge) دەپ ئاتىلىدىغان سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان بىر پىروگراممىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى، پىروگراممىنىڭ ئېكراندىكى بىر ئايال سۈرىتىدە پۇقرالار بىلەن ئالاقە قىلالايدىغانلىقى، پۇقرالارنىڭ تور ئارقىلىق ئەرز سۇنۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ سىستېمىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشتىكى مەقسىتى ھەقىقىي سوتچىلارنىڭ دېلولارنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ياردەملەشتۈرۈش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئەدلىيە ئىشلىرىدا ئىشلىتىش ئارقىلىق، سوتچىلارنىڭ خىزمەت يۈكىنى يەڭگىللىتىش ۋە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ كەسكىن قارار چىقىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغانلىقى، سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنى تور ئارقىلىق نازارەت قىلىدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا پۇقرالارنىڭ تور ئارقىلىق ئەرز سۇنۇش جەريانىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار ئىلتىماسلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، تور قانۇن-نىزاملىرى ۋە تور ئارقىلىق قىلىنىدىغان سودىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1363 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2019 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق