شى جىنپىڭ بىلەن تىرامپ ياپونىيەدە كۆرۈشتى

شى جىنپىڭ بىلەن تىرامپ ياپونىيەدە كۆرۈشتى

ب ب س تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ ياپونىيەدە داۋاملىشىۋاتقان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئۇچرىشىپ، سودا سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشكەن.

ئۇچرىشىشقا ئامېرىكا تەرەپتىن ئامېرىكا مالىيە مىنسىتىرى مىنۇچىن، سودا ئىشلىرى ۋەكىلى لايتھىزېر، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو، ئاقساراي يۈقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ئىۋانكا ۋە كۇشنېر قاتناشقان. خىتاي تەرەپتىن مۇئاۋىن مىنىستىر ليۇخې، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى قاتارلىقلار قاتناشقان.
ئۇچرىشىشتا ئاۋۋال سۆز قىلغان شى جىنپىڭ «1971-يىلى 31-قېتىملىق دۇنيا تىكتاك توپ مۇسابىقىىسگە قاتناشقان ئامېرىكا، خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرى ئۆزئارا دوستلۇقنى باشلىغان. كىشىلەر بۇنى «تىكتاك توپ دېپلوماتىيەسى» دەپ ئاتاشقان. خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىشى ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق، قارشىلىشىشى ھەر ئىككى تەرەپكە زىيانلىق. مەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناش ئۈچۈن، ھۆرمەتلىك تىرامپ بىلەن خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن يارىشىش نىيىتىنى بىلدۈرگەن.
ئۇچرىشىشتا تىرامپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بىز دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. ئايالىم بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلغاندا ئويلىمىغان ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىدۇق. ئىككىمىز بەك يېقىنلاردىن بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. كېيىن بىر قىسىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇناسۋىتىمىز يىرىكلىشىپ قالدى. بىراق يەنىلا سودا ساھەسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە كەلدۇق. ئەگەر ئادىل بىر سودا كېلىشىنى ھاسىل قىلالىساق، تارىخىي خاراكتېرلىك ئىش بولاتتى».
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قايتا باج ئالمايدىغان بولغان. ئىككى تەرەپنىڭ سودا ۋەكىللىرى تەپسىلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان.

مەنبە:https://www.bbc.com/zhongwen/simp/chinese-news-48809873

بۇ خەۋەر 939 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2019 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق