ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى

20‏-ئىيۇن ھىندونېزىيەدىكى سىياسىي ئانالىز ئىنستىتۇتى تەتقىقات ئورنى بىر پارچە تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
«ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىنىڭ سەۋەبى» ماۋزۇلۇق دوكلاتتا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىنى «زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرى» دەپ چۈشىنىدىغانلىقى، ھىندونېزىيەلىكلەرنىڭ يېقىندا جاكارتانى زىيارەت قىلىپ، ياردەم تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قارىغانلىقى، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىدا بۇ مەسىلىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارىشىنىڭ مۇھىم ئامىل بولغانلىقى، خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىنى «بۆلگۈنچىلىككە قارشى قانۇنلۇق ئىنكاس» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارىغاندىن سىرت، پاپۇئا مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشىنى قولغان كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا ھىندونېزىيەدىكى چوڭ ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقى ۋە يالغان چۈشەندۈرۈشلىرىگە قايىل بولغانلىقى ھەمدە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى «ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش تەشۋىقاتى» دەپ قاراپ، ئارىلىشىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەنبە: https://news.ltn.com.tw/news/world/breakingnews/2829950

بۇ خەۋەر 1542 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2019 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق