خىتاي كومپارتىيەسىگە جىنايەت بىكىتىلدى

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى

ئۈمىد ساداسى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشچە، ئەنگلىيەنىڭ مۇستەقىل خەلق سوتى خىتاي كومپارتىيەسىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى» دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
ھۆكۈمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى، ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى كۆزدە تۇتۇلغان.
سوت مەھكىمىسى يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەھىيە، مائارىپ، ساياھەتچىلىك، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەدىكى كىشىلەرنى خىتاي بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرىپ: «ئۇلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇلار بىر جىنايەتچى دۆلەت بىلەن ئالاقىدە بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە مەزكۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھۆكۈمنىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەنبە: http://www.soundofhope.org/gb/2019/06/17/n2965849.html?fbclid=IwAR0ZOyaUBpm1VoUd4zngi5b6cwi-Tv6wTyKhRRCZAQf6EESp13JY5LZrVJM

بۇ خەۋەر 12047 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2019 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق