خىتاي چەتئەلدىن ئۆي سېتىۋېلىشنى قانۇنسىزلىق دەپ ئېلان قىلدى

خىتاي چەتئەلدىن ئۆي سېتىۋېلىشنى قانۇنسىزلىق دەپ ئېلان قىلدى

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەلدىن ئۆي سېتىۋېلىشىنى قانۇنسىزلىق دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەلدە ئۆي سېتىۋېلىشىنى قانۇنسىزلىق دەپ ئېلان قىلغان. باياناتتا مەزكۇر قانۇننىڭ بۇ يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرىدە خەلقئارانىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي مەزكۇر قانۇننى ئۆز ۋاقتىدا سىرتقا ئاشكارىلىمىغان.

بۇ خەۋەر 1454 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2019 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق