چەتئەل شىركەتلىرى خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە باشلىدى

چەتئەل شىركەتلىرى خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە باشلىدى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەل شىركەتلىرى ئىقتىسادى كاساتلىشىشقا باشلىغان خىتايدىن مەبلىغىنى يۆتكەپ كېتىشكە باشلىغان.
ئەمما خىتاي چەتئەل كارخانىلىرى ۋە سودىگەرلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن توسقان. ئەگەر شىركەتلەر راستىنلا خىتايدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتمەكچى بولسا، %30 باج تاپشۇرۇشقا، %10 دىن %40 كىچە جەرىمانە بېجى تۆلەشكە مەجبۇرلانغان. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە %10 مۇلازىمەت ھەققىنىمۇ قوشۇپ ئېلىنغان.
يېقىندا تەيۋەنلىك مەلۇم سودىگەر خىتايدىن توققۇز مىليارد قىممىتىدىكى مەبلىغىنى چەتئەلگە يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، يۆتكىمەكچى بولغان پۇلنىڭ %30 نى«كارخانا بىجى» نامى بىلەن ئېلىۋالغان بولۇپ، سودىگەرنڭ قولىغا ئالغان پۇل بەش مىليارد 700 مىليون بولغان. ئۇنىڭدىن سىرت خىتاي تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇلازىمەت ھەققى دەپ مەبلەغنىڭ %10نى تالان-تاراج قىلغان. توققۇز مىليارد مەبلەغدىن تۆت مىلياردقا يېقىن پۇل قاقتى-سوقتى قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەنىڭ «Suzuki»شىركىتىنىڭ چۇڭچىڭ بىرلەشمە شىركىتى خىتاينىڭ توسقۇنلىقىغا چىدىماي، بارلىق پايچېكىنى بىر يۈەن خەلق پۇلىدىن ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان.

 

بۇ خەۋەر 1695 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2019 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق