قەشقەرنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىندى

قەشقەرنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىندى

بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ رامىزان ئېيىدىكى ۋەزىيىتىنى ئۆز كامېراسى ئارقىلىق دۇنياغا بىلدۈرگەن جوۋ خەتتاب يۇتيۇب قانىلىدا يېڭى ۋىدېئو تارقاتقان.
بۇ ۋىدېئودا ئۇنىڭ ساياھىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان قەشقەر شەھىرى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ھېيتگاھ جامەسى ۋە قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.
ئۇ ھېيتگاھ جامەسىگە كىرىپ، ناماز ئوقۇۋاتقان بىرمۇ كىشىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان ۋە ئۇ يەردىكى خادىملاردىن ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىغان. خادىملار ھازىر ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ساياھەتچىلەر ئۈچۈنلا ئېچىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە مەسچىت ئىچىدە يېرىم يالىڭاچ كىيىنگەن خىتاي ساياھەتچىلەرنى كۆرگەن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ ئىبادەتگاھلىرىدا بۇنداق بىھۆرمەتلىككە يول قويۇلغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەتتاب ساياھەت جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەردىن رامىزان توغرىلىق سوئال سورىغان بولسىمۇ، ھەممىسى قورقۇنچقا چۈشۈپ، سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە خىتاينىڭ ھازىرقى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەن.
مەزكۇر ۋىدېئودا ئادەمسىز مەسچىت ۋە كوچىلار، چۆلدەرەپ قالغان مەھەللىلەر ۋە ھەرتەرەپكە چاپلىۋېتىلگەن تەشۋىقات لوزۇنكىلىرىغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان كۆرۈنۈشلەر بار بولۇپ، خىتاينىڭ تاراتقۇلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋالغان ھازىرقىدەك بىر ۋەزىيەتتە قىممەتلىك دەلىل-ئىسپات بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 2113 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2019 12:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق