خىتاينىڭ مەدەنيەت قىرغىنچىلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىندى

 

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان پائالىيەتچى بەھرام سىنتاش ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپلا قالماي، يەنە 2017-يىلىدىن بۇيان ئون مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇشنىڭ قۇببە ۋە مۇنارلىرىنى چېقىپ تاشلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ پات ئارىدا بارلىق مەسچىتلەرنى ۋە تارىخىي قۇرۇلۇشلارنى يوقىتىپ تاشلايدىغانلىقىنى، بۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇمىيۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تەييارلىقى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

 

بۇ خەۋەر 1746 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2019 18:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق